شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. بۈگۈن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ج ك پ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بېيجىڭدا ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى›› ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق قارىدى: ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى›› ناملىق كىتاب كىشىلەرنىڭ شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخىنى، بولۇپمۇ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇش تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە، دالاي گۇرۇھىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جەريانىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەينى يىللىرى شىزاڭنى ئازاد قىلىشقا قاتناشقان يۈزدىن كۆپرەك پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم گېنېرال ۋە مۇتەخەسسىس تۈزۈشكە قاتناشقان ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى›› ناملىق كىتاب يېقىندا ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى››دا شىزاڭنىڭ ۋەتىنىمىز بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشى، شىزاڭنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەھۋالى، شىزاڭنىڭ فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىدىكى جەمئىيىتى، يېقىنقى زاماندا جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ شىزاڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى ۋە شىزاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى، شىزاڭنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى قاتارلىق مۇھىم تارىخى ۋەقەلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋە شەرھلەنگەن، ئەينى يىللاردا دالاي گۇرۇھىنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاپ، يانچىلىق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغانلىقىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاشكارىلانغان.
مەنبە: http://www.basbas.cn/article/2008/0430/article_751.html
function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格
{
var w = $(Id).width;
var m = 550;
if(w < m)
{
return;
}
else
{
var h = $(Id).height;
$(Id).height = parseInt(h*m/w);
$(Id).width = m;
}
}
window.onload = function()
{
var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img");
var i=0;
for(;i