خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ5 –قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 28 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 5 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇجىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ھەم زور ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە خېيىمخەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ تۈپ تەدبىرى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى يىرىك شەكىلدىن تۈجۈپىلىك شەكىلگە ئۆزگەرتىشنى، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەشتىن ئومۇميۈزلۈك، ماس ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزمۇن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش تەتقىقاتى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شاڭياڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لو يۈنيى بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر، تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ لېكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
خۇجىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر دۆلىتىمىز ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا شۇنداقلا سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا مۇھىتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە، تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش – قىلالماسلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ساقلاش – ساقلىيالماسلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.
خۇجىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل، ياخشى تۇتۇش ئاچقۇچ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگوچە يېڭى سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورتنىڭ ماس تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى 2 – كەسىپنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلەرنىڭ ماس تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى كۆپەيتىشكە تايىنىشتىن پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى،ئەمگەكچىلەر ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ ماسلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
خۇجىنتاۋ مۇنداق دېدى: ماكرولۇق تەڭشەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى پائال قوللاپ، ئىچكى – تاشقى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي نىشانغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدىغان سىياسەت مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەمگەكچىلەر ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنغان يېڭى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ھەقىقىي تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مەۋقەنى ئۆز ئۈستۈنلۈكى ۋە مەۋجۇت ئاساسقا قويۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆزلەپ،ئېنېرگىيە ۋە ماتېرىيال تېجەش، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت سەپلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلغار قورال – جابدۇق ياساش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىلوگىيە، قورال – جابدۇق ئۆزگەرتىش ۋە مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر، يېزىلار تەرەققىياتىنى ھەقىقىي تۈردە بىر تۇتاش پىلانلاپ،جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەيدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى ئەندىزە ھاسىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.
خۇجىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئاساسىدا مەسىلىنى تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئومۇمىي پىلانى، كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇشى ئاچقۇچ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ھالقىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.
function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格
{
var w = $(Id).width;
var m = 550;
if(w < m)
{
return;
}
else
{
var h = $(Id).height;
$(Id).height = parseInt(h*m/w);
$(Id).width = m;
}
}
window.onload = function()
{
var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img");
var i=0;
for(;i