شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 28 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. خۇبېي ئۆلكىسى 26 – ئاپرېل شياۋگەن شەھىرى شۇاڭفېڭشەن ساياھەت مەنزىرە رايونىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان 31 ستۇدېنتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى، شۇنداقلا قازا قىلغان ئالتە كىشىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ھازىر يارىلانغان ستۇدېنتلار ۋۇخەندىكى تۆت دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.
ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلدا شوپۇر بىلەن قوشۇلۇپ 37 كىشى بولۇپ، قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئالتە كىشى(تۆت ئەر، ئىككى ئايال) بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن؛ يارىلانغان 31 كىشىنىڭ 29ى ئوقۇغۇچى، بىرى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرى شوپۇرئىكەن. تالاپەتكە ئۇچرىغان 32 ئوقۇغۇچى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى تور مائارىپى ۋۇچاڭ ئۆگىنىش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، قالغان ئۈچى باشقا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى تور مائارىپى ۋۇچاڭ ئۆگىنىش مەركىزى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى گەۋدە بولۇپ، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېنىدىكى ئىمارەتتە مەكتەپ قۇرغانىكەن، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ مەركەزنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىگىلا مەسئۇل ئىكەن. مەكتەپ ئۆگىنىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تيەن خەيچۇدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باھار سەيلىسىدىن ئۆگىنىش مەركىزىنىڭ خەۋىرى يوق بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەنىكەن.
ۋۇخەن شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى بۇ قېتىمقى باھار سەيلىسىگە تەشكىللەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. تەكشۈرۈشكە مەسئۇل جۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دائىم ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئۆمەك تەشكىللىشىگە ياردەملىشىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ‹‹تيەنلۇڭ ئارام ساياھىتى كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە ئەۋەتكەن تالونىنى ئۆز ئالدىغا ئالغان››، ئاندىن، توردىن ئۆلچەملىك ساياھەت توختامىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ، بۇ قېتىمقى باھار سەيلىسىنى تەشكىللىگەنكەن.