مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹ئارمىيىد
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 27 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى ساپالىق يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى نىزامى(سىناق نۇسخىسى)›› ۋە ‹‹2006 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانى››غا ئاساسەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەستىقلىغان ‹‹ئارمىيىدىكى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى.
‹‹پىكىر››دە: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشقان ئارمىيە قۇرۇش، ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا ئاساسەن، ئارمىيىدىكى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى تەلەپ ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئارمىيىدىكى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
‹‹پىكىر››دە: ئىدىيىۋىلىك، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ۋە يېتەكچىلىكنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تېمىنى چىڭ چۆرىدەپ، كادىرلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەمەلىي زىددىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئېتىبار بېرىلدى، ھۆججەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە نىشان يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
‹‹پىكىر››دە: ئارمىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە رەھبەرلەردىن ئارمىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي تەربىيىلەش ئىدىيىسىنى تىكلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە ماكرولۇق پىلاننى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى بويىچە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ئارمىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.