ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئاساسىي سانى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆزگەرتىلدى1
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 1 - يانۋار تېلېگراممىسى. بۇ يىلقى يېڭى يىل مەملىكەت بويىچە ئوتپۇسكا ئۇسۇلىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىكى تۇنجى بايرام. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەمگەكچىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بايرامدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى مە-سىلىسى توغرىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئەمگەكچىلەرگە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئاساسىي سانىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شاڭخەي شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ‹‹مەملىكەت بويىچە چاغان ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكتىن، بىر يىلدىكى قانۇندا بەلگىلىگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنى يىللاردىكى ئون كۈندىن 11 كۈنگە ئۇزارتىلدى، شۇڭا ئايلىق تۈزۈمدىكى خىزمەت كۈن سانىمۇ مۇناسىپ تەڭشىلىپ، ئەسلىدىكى 20.92 كۈن 20.83 كۈنگە ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئاساسىي سانىمۇ ئۆزگەرتىلدى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئازراق ئۆسىدۇ. بۇ مۇتەخەسسىس يەنە: ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، جايلارنىڭ يېڭى چارە ۋە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئاساسىي سانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت ۋاقتى ئوخشىشىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، دېدى.
تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئاساسىي سانغا ئاساسەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى يىلدا بىر كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى كونكرېت ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق نورمال مائاشىنى 2000يۈەن دېسەك، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئاساسىي سانى ئايلىق مائاشنىڭ %70ى، يەنى 1400يۈەن بولىدۇ، ئۇنى 20.83 كە بۆلگەندىن كېيىن، %300كە كۆپەيتسەك، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرامدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىكى ‹‹ئۈچ ھەسسىلەنگەن مائاش›› تەخمىنەن 201.6يۈەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملاردا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىكى ‹‹ئۈچ ھەسسىلەنگەن مائاش›› ۋە ئومۇمىي دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىكى ‹‹ئىككى ھەسسىلەنگەن مائاش››نى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىشى كېرەك، ‹‹دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرىش›› ياكى ‹‹پۇل تۇلۇقلاپ بېرىش››نى خالىغانچە بېكىتىۋالسا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.