ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   ئېنىقسىز   كىنو   MTV   رەسىم   ناخشا   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
ئيرىلىش
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·رەنانىڭ تويى
·مەمەت ھەققىدە پاراڭ
·تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
·‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
·تورداشلارغا خوش خەۋەر 
·بىزنىڭ ناخشىمىز 
·بەربات بولغان مۇھەببەت
·ئايرىلىش مىنۇتلىرى
·ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
·كەچۈر گۈلۈم
  >> تەۋىسىيە ماقالە
ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
ئايروپلاندىن چاتاق چىقتى 
‹‹دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ھازىرق
سىرلىق كۇبا ئۈن–تىنسىز ئۆزگەرمە
ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ روسىيىنى 
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور بىكىتى => خــەۋەر مـەركـىـزى => خەلىقئارا خەۋەرلەر => مەزمۇن كۆرۈش
ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئەللىرىنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ
ئاپتۇر : تور دۇنياسى    مەنبە : تور دۇنياسى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى05- ئاينىڭ02- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىكتەۋىسىيە  

 بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئاز قالدى، ۋەھالەنكى خەلقئارا كەيپىيات كىشىگە غەلىتە تۇيغۇ بېرىدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە جىددىي تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىشىغا دائىر مۆلچەرلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار بارلىق دىققەت – ئېتىبارىنى جۇڭگونىڭ ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى››، ‹‹ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى››گە قارىتىۋاتىدۇ. گەرچە غەرب ئەللىرىنىڭ 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نى باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيلاشتۇرۇشى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ،  ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئو ت م نىڭ سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تېخى نۇرغۇن كىشى ئويلاپ باقمىدى.

     فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە جامائەت ئىشلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور ۋۇ شىنبو: بېيجىڭ ئو ت م گە سىياسىي جەھەتتىن كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ئىككى ئۆز ئارا قارشى گۇرۇھنىڭ قارشىلىشىشىدىن مۇرەككەپ. ئىلگىرىكى بايقۇت ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئو ت م گە قاتناشماسلىق ياكى ئۇنىڭ مەشئىلىنى قارشى ئالماسلىق بىلەنلا تۈگەيتتى. بىراق بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى سىياسىي كاشىلا پەيدا قىلىش ئو ت م گە قاتناشماسلىق ئەمەس، چۈنكى قاتناشمىسا ‹‹ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىدىن قۇرۇق قالىدۇ››، شۇڭا پۈتكۈل دۇنيا دىققەت ئېتىبارىنى تىككەن ئو ت م سەھنىسى ئارقىلىق سىياسىي پائالىيەت قىلىدۇ، دېدى.

     ‹‹ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش، ئېنىقكى، غەرب ئەللىرىدىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئو ت م چوقۇم سىياسىيلاشتۇرۇلسا، جۇڭگونىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئاخىرىدا ئىككىلا تەرەپ مەغلۇپ بولىدۇ››، دېدى ئو ت م مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى بېيجىڭلىق مۇتەخەسسىس جاڭ چىڭ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ مۇخبىرىغا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بۇ قېتىم ناھايىتى يامان رول ئوينىدى، بولۇپمۇ ئەنگلىيىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، كۆكسى – قارنىنىڭ تارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەنگلىيىلىكلەر تۆت يىلدىن كېيىن قانداق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا دۇچ كېلىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى ئويلاپ باقتىمۇ؟ ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ھازىرچە يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئاستا بولماقتا. ئەنگلىيە ئو ت م ئارقىلىق ھالسىراپ قالغان ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشى كېرەك. ئەنگلىيە ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتىدۇ، ئافرىقا، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا تەسىر دائىرىسىنى ساقلىشى كېرەك، ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلگۈنچى كۈچلەر بار، باشقا دۆلەتلەر بىلەن زېمىن ماجىراسى بار. بۇ زىددىيەتلەر لوندون ئو ت م ئۆتكۈزگەندە بىراقلا پارتلىسا، ئەنگلىيە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ جۇڭگو چوڭ دۆلەت، بەزىلەر ئەتەي غوۋغا تۇغدۇرماقچى بولسا، جۇڭگونى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئىش ئانچە يوغىناپ كەتمەيدۇ. ئەنگلىيىنىڭ زېمىنى، نوپۇسى، ئىقتىسادىي كۈچى ئو ت م نى سىياسيلاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟

     ‹‹ ئو ت م سىياسىيلاشتۇرۇلسا، غەرب ئەللىرى ئاخىرىدا يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ››، دېدى جاڭ چىڭ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ دۇنيا  سىياسىي ماجىرا، ئىقتىسادىي تالاش – تارتىش ھەتتا قوراللىق توقۇنۇشتىن ئىبارەت خىلمۇ خىل زىددىيەتلەر بىلەن تولغان، تەپسىلىي كۆزەتكەنلەر دۇنيادىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسلىقى غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى مۇستەملىكە تالان – تاراج قىلىشى، خەلقئارا تەرتىپنى ئىگىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان 3 – دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. باشقىسىنى ئېيتمىساقمۇ، دۇنيادا ھازىر ئامېرىكىغا قارشى دۆلەتلەر خېلى كۆپ، چاۋشيەن ۋە ئىران، ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب ئەللىرى ھەم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت بار، غەربنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قايسىبىرىنىڭ پۇقراسى ئو ت م دا ئامېرىكىغا قارشى شوئار توۋلىسا بولىدۇ. غەرب ئەللىرى ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرسا، ئاخىرىدا ئەڭ زور زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ئۆزلىرى.

     سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئو ت م نى بايقۇت قىلىش دۆلەت ھەرىكىتى ئىدى، ھالبۇكى ھازىر بىر نەچچە تەنھەرىكەتچىلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە ‹‹زور غوۋغا›› پەيدا قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە ياۋروپا – ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ، ئو ت م سەھنىسىدىن پايدىلىنىشى ھاجەتسىز. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئادەتتە بۇرۇختۇرمىلىقتا قالغان 3 – دۇنيا ئەللىرىگە ئو ت م دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا ئەڭ قۇلايلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك سەھنە بولىدۇ. مەيلى ئىرانلىق، ۋېنېسۇئېلالىق بولسۇن ياكى غەزەپلەنگەن ئەرەب بولسۇن، مەيلى تەنھەرىكەتچى بولسۇن ياكى مۇخبىر، ساياھەتچى بولسۇن، لوندون ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، مۇكاپات تارقىتىش مەيدانىدا تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا سېلىپ، غەرب ئەللىرىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن. سىياسىي ئېتىراز بېيجىڭ ئو ت م دا ‹‹قانۇنلاشتۇرۇلۇپ››، ‹‹ئادەتكە ئايلاندۇرۇلسا››، لوندون ئو ت م لا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئو ت م لارمۇ  ‹‹سىياسىي ئويۇن›› غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، غەرب ئەللىرىگە قارىتىلغان زىددىيەتلەردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن رايوندا ئىچكى توقۇنۇش ھەم دۆلەتلەر ئارا زىددىيەت مەۋجۇت، يەنە نۇرغۇن كىشى  سىياسىي مۇددىئاسىنىڭ دۇنيانىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي ئارزۇسى بولغان ئو ت م مەڭگۈ ئەمىن تاپمايدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن      
 

function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格 { var w = $(Id).width; var m = 550; if(w < m) { return; } else { var h = $(Id).height; $(Id).height = parseInt(h*m/w); $(Id).width = m; } } window.onload = function() { var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img"); var i=0; for(;i
خەتكۈچ : ئېنىقسىز خەۋەر
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى