ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   ئېنىقسىز   كىنو   MTV   رەسىم   ناخشا   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
ئيرىلىش
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·رەنانىڭ تويى
·مەمەت ھەققىدە پاراڭ
·تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
·ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
·‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
·تورداشلارغا خوش خەۋەر 
·بىزنىڭ ناخشىمىز 
·بەربات بولغان مۇھەببەت
·ئايرىلىش مىنۇتلىرى
·ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
  >> تەۋىسىيە ماقالە
ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
ئايروپلاندىن چاتاق چىقتى 
‹‹دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ھازىرق
سىرلىق كۇبا ئۈن–تىنسىز ئۆزگەرمە
ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ روسىيىنى 
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور بىكىتى => خــەۋەر مـەركـىـزى => خەلىقئارا خەۋەرلەر => مەزمۇن كۆرۈش
‹‹دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ھازىرقى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى››
ئاپتۇر : تور دۇنياسى    مەنبە : تور دۇنياسى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى05- ئاينىڭ02- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىكتەۋىسىيە  ئاۋات  

قصسقصچة مةزمۇنص: — دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ يەننى زىيارەت دوللار كۇرسىنىڭ سىجىل چۈشۈشى دۇنيا پۇل مۇئامى ...

 
— دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ يەننى زىيارەت

       دوللار كۇرسىنىڭ سىجىل چۈشۈشى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتنى ئېغىر بېسىمغا ئۇچراتتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ يەن يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ھازىرقى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، دوللارنىڭ كۇرسى يەنىمۇ چۈشىدۇ، دېدى.

       دۇنيا بانكىسىدا پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ۋاڭ يەن سۇن يېفاڭ ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش سۈرئىتىنى تېزلەتتى ھەم مەبلەغ سالغۇچى بانكىلارنىڭ مەركىزىي بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل بوش ۋە كېڭىيىشچان پۇل سىياسىتى دوللارنى قوللاشقا ئىنتايىن پايدىسىز. ئەگەر دوللارنىڭ قىممىتىنى ساقلىماقچى بولسا، (ئامېرىكا) ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىدى، لېكىن، ئامېرىكا ھازىر بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، دوللارنىڭ يۈرۈشۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مۇقەررەر دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىدۇ.

     دوللارنىڭ كۇرسى قاچان ئاخىرقى چەككە چۈشىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئۇ مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى دوللار كۇرسىنىڭ ئاخىرقى چەككە چۈشۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھايانكەشلەر دوللاردىن ئۈمىدىنى ئۈزسە، قولىدىكى دوللار مۈلكىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدۇ، بۇ دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ.

     خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا: 2008 – يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى ‹‹يېنىك چېكىنىش›› دەۋرىگە كىرىدۇ، دەپ قارالدى. ۋاڭ يەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بۇ پەرەزدىنمۇ ناچارراق بولۇشى مۇمكىن، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىيىشچان پۇل سىياسىتىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دوللار كۇرسىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     دوللار كۇرسىنىڭ سىجىل چۈشۈشى يەنە نۇرغۇن دۆلەتتە ئەندىشە پەيدا قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتچان پۇل سىياسىتىنى قوللىنىشىنى كەينى – كەينىدىن مۇراجىئەت قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن مالىيە مىنىستىرى پاۋلسېن : ئامېرىكا كۈچلۈك دوللار سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم جاكارلىدى.

     لېكىن، ۋاڭ يەن مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسىتىدىن ئاللىبۇرۇن ۋاز كەچتى، چۈنكى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالدا دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق. مەسىلەن: دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىمىي تۈرلەردىكى قىزىل رەقىمىنى ئازايتىدۇ.

     ئۇ مۇنداق دېدى: دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى نېفىت قاتارلىق مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكىدىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسىي مەسىلە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مۇھىم تاللىشى دوللارنى قوغداش بولماستىن، كېڭىيىشچان پۇل سىياسىتى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

     ۋاڭ يەن مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ‹‹كۈچلۈك دوللار›› ھەققىدىكى سۆزلىرى پسىخىك جەھەتتىن بازارنى ئازراق بولسىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

     خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىباشلاش قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى توغرىسىدا ۋاڭ يەن مۇنداق دېدى: دوللارنىڭ كۇرسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ زور سودا پايدا قالدۇقىنى نەزەرگە ئالغاندا، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى جۇڭگونىڭ سودىسىىغا بەزى تەسىرلەرنى كۆرسەتسىمۇ، بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

ئالدىنقى پارچىسى : CNN جوڭگۇدىن ئەپۇ سورىدى      كېيىنكى پارچىسى :سىرلىق كۇبا ئۈن–تىنسىز ئۆزگەرمەكتە
خەتكۈچ : ئېنىقسىز خەۋەر
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى