كۇبا پايتەختى ھاۋانادا بىرقانچە كۈندىن بۇيان خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن ماگىزىنلاردا ئېلېكتر سايمانلىرى ئۆكسۈپ قالىدىغان، كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يان تېلېفون سېتىۋالىدىغان ئۆزگىچە مەنزىرە بارلىققا كەلدى. كۇبا بۇ يىل 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈن – تىنسىز ئۆزگىرىشكە باشلىدى. سىرتتا بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇھاكىمىلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، كۇبالىقلار بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بەھرىمەن بولۇشنى ياقتۇرۇپ قالدى. كىرىمى ئانچە كۆپ بولمىغان ئادەتتىكى كۇبالىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېلېكتر سايمانلىرى سېتىۋېلىش ۋە يان تېلېفون ئىشلىتىش خېلىلا بەتخەجلىك ھېسابلانسىمۇ، ئاكىسى فىدېل كاسترونىڭ ئورنىغا چىققان رائۇل كاسترونىڭ ۋەدىسىنى بارا – بارا نەقلەشتۈرۈۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى كۆپەيتتى.
يان تېلېفوننى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كۇبادا ناھايىتى كۈچلۈك سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. كۇبا ھۆكۈمىتى 28 – مارت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كۇبا تېلېگراف شىركىتى ئارقىلىق كۇبالىقلارنىڭ كېلىشىم ئىمزالاپ، كۆچمە ئالاقىچىلىك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 14 – ئاپرېل كۇبا پۇقرالىرىغا يان تېلېفون سېتىشنى رەسمىي ئېچىۋەتكەن تۇنجى كۈن. بۇ كۈنى كۇبا تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھاۋانا شەھەر مەركىزىدىكى ھەر قايسى يان تېلېفون تىجارەت بۆلۈملىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇردى. مۇخبىرىمىز ھاۋانا كونا شەھىرىدىكى داڭلىق ئوبىسپو كوچىسىدىكى تىجارەت بۆلۈمىدە يان تېلېفون سېتىۋېلىۋاتقان ياكى كۆرۈۋاتقان كۇبالىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، بەزىلەرنىڭ پەنجىرە ئالدىدا يان تېلېفونلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يان تېلېفون سېتىۋېلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ تىجارەت بۆلۈمىدە 70 يان تېلېفون سېتىلىپ بولدى. يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش كۇبالىقلارنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى، كۇبالىق بىر يىگىت تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆزى يېڭىدىن سېتىۋالغان سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى بار يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتىپ كۆرۈپ باقتى.
رائۇل كاسترو 24 – فېۋرال كۇبانىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، كۇبا ئۈن – تىنسىز ئۆزگىرىشكە باشلىدى. لېكىن كۇبانىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلمىدى، ھۆكۈمەت ئىشتىن ئاۋۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشمۇ قىلمىدى. 4 – ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، كۇبا ھۆكۈمىتى ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. كۇبالىقلار كومپيۇتېر، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، تېلېۋىزور، DVD ، ياڭراتقۇ قاتارلىق ئېلېكتر سايمانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدىغان بولدى. يان تېلېفون سېتىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كۇبالىقلارمۇ چەت ئەللىكلەرگە ئوخشاش يان تېلېفون سېتىۋالالايدىغان ۋە كۆچمە ئالاقىچىلىك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان، يان تېلېفوندا خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرالايدىغان بولدى. ئالىي دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگىلا يۈزلىنىش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كۇبالىقلار چەت ئەللىكلەرگە ئوخشاش بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردا قونالايدىغان، ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنى ئىجارە ئالالايدىغان بولدى.
كۇبا ھۆكۈمىتى يەنە يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى، كۆك تاماكىنى سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈردى، دېھقانلارنى بوش يەرلەر بىلەن تەمىنلىدى، دېھقانلار خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىمالال سېتىۋالالايدىغان بولدى. كۇبا يەنە مائاش ئىسلاھاتى قىلىپ، مائاش يۇقىرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. يېقىندا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى كۇبالىقلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا يول قويىدىغانلىقى ھەم خۇسۇسىي ئىگىلىكنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ تارقالدى.
ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىل قامال قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ كۇباغا بولغان چۈشەنچىسى يېتەرسىز بولۇپ، كۇبانى ناھايىتى سىرلىق، دەپ قارايدۇ. كۇبادىكى ھازىرقى ئۆزگىرىشلەر تەبىئىيلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ۋەھالەنكى ئامېرىكا كۇبادىكى ئۆزگىرىشلەرگە باشقىچە كۆز بىلەن قارىدى. ئامېرىكىدىكى ‹‹خرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى›› گېزىتىدە: بىمالال سېتىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى كۇبالىقلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاران 17 دوللار. بۇ ئۆزگىرىشلەر ‹‹ئابرۇي قۇرۇلۇشى›› بولۇپ، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان، دېيىلدى. يەنە بەزى تەھلىلەردە: كۇبادىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ‹‹جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ تەسىرى››، دەپ قارالدى. لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ كۇبانىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پائال خەۋەر قىلغاندا، كۇبانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ۋېنېسۇئېلانىڭ ‹‹ئانالىز گېزىتى››دە: ‹‹كۇبا زادى سوتسىيالىزم يولىدا ماڭامدۇ ياكى كاپىتالىزم يولىدىمۇ؟››، ‹‹مالىمانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى›› مۇمكىنمۇ؟ قاتارلىق سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سىرتنىڭ كۇبادىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان تۈرلۈك سۆز – چۆچەكلىرى ۋە قىياسىغا قارىتا كۇبالىق تارىخشۇناس ئېئۇسبىئو لېئال مۇنداق دېدى: كۈندە ئاڭلاۋاتقان خەۋەرلەر كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىسلاھات ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ، تۈنۈگۈن قارىماققا كۆزگە سىغمايدىغان نەرسىلەر بۈگۈن ئۆزگەردى، بىز كەلگۈسىگە تولۇق ئۈمىد بىلەن قارايمىز. كۇبا ھۆكۈمىتى قوللانغان ئىسلاھات تەدبىرى ‹‹كۆزنەكنى بېزەش›› ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئېھتىياجنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن