ئايروپلاندىن چاتاق چىقتى
شىنخۇا تورىنىڭ 18 - يانىۋار خەۋىرى :
136 يولۇچى ۋە 16 ئايروپلان خادىمىنى ئېلىپ بېيجىڭدىن لوندونغا قاراپ ئۇچقان ئەنگىلىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ << BA038 >> تىپلىق 777 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپلانى 17 - يانىۋار چۈشتە ئايرودرۇمغا قۇنۇۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن . ۋەقەدە يېنىك يارىلانغان 16 يولۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى جوڭگۇلۇق . بۇ ۋەقە ئەنگىليە باش ۋزىرى بروۋىننىڭ جوڭگۇغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى .
شۇ يەردىكى بىر نەپەر ئايرودرۇم خىزمەتچىسىنىڭ ئايروپلاندىكى بىر ئۇچقۇچىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن تەسۋىرلىشىچە ، ئايروپلان تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ، دەرھال قۇنمىسا بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان . << ئازراقمۇ ئىنكاس يوق ، بارلىق ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر پالەچ بولۇپ قالغان >> .
ئەنگىلىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى ، شۇنداقلا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنىمۇ رەت قىلدى .
بۇ ۋەقە تۈپەيلى ، شېسرو ئايرودرۇمىدىن قىسقا ئارىلىققا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، ئايرودرۇمغا كىرىدىغان بارلىق ئايروپلانلار ئايلىنىپ باشقا ئايرودرۇملارغا قۇنۇشقا مەجبۇر بولدى . يەنە ئايرودرۇمدىن چىقىدىغان نۇرغۇن ئايروپلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلدى . كېچىككەن ئايروپلانلارنىڭ ئىچىدە جوڭگۇ خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ لوندوندىن بېيجىڭغا قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپلانىمۇ بار .



مەنبە : http://news.xinhuanet.com