روسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورنىتىشىغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى ئەمدىلا يۇمشىشىغا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنېرال بالۇيېۋىسكىي زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە شتاب باشلىقى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى جەيتېڭ لۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن: گەرچە ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا قاتناشمايدۇ، دېدى. بۇ، شەك – شۈبھىسىزكى، ئامېرىكا پىلانلىغان دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىدا چوڭ يوچۇق پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بەزى تەھلىلچىلەر: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تورغا كىرىشنى رەت قىلىشى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، دەپ قارىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بالۇيېۋىسكىي جەيتېڭ لۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن: ياپونىيە كەلگۈسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تورىنى بىرىكتۈرۈشنى تېخى پىلانلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېگەن. بۇ خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن 2006 – يىلى زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان ۋە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا جەھەتتىكى قۇرۇلۇشنى تېزلەتتى. ياپونىيىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە بولغاندا، ياپونىيە 2011 – يىلىدىن بۇرۇن ‹‹ئۆلچەم – 3›› ۋە ‹‹ۋەتەنپەرۋەر – 3››تىن تەركىب تاپقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى دەسلەپكى تورىنى قۇرۇپ بولىدۇ.
گەرچە ياپونىيە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىستېمىنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، قورال ۋە قوماندانلىق سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدا ياسالغان بولۇپلا قالماستىن، ياپونىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى نورمال مەشغۇلات قىلىمەن دەيدىكەن، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش ۋە سىگنال كۆزىتىش ياردىمىگە موھتاج. ئەگەر ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تورىغا كىرمىسە، بۇ ئاخباراتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ – دە، ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تورىغا كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ھېچقانداق توسالغۇ قالمىدى، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا قۇرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئەمەلىيەتتە روسىيىنى شەرق ۋە غەرب تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ، شۈبھىسىزكى، روسىيىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ. جەيتېڭ لۇڭ روسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا يۇقىرىقى سۆزنى قىلىشتا روسىيىنىڭ جىددىيلەشكەن نېرۋىسىغا تەسەللى بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格
{
var w = $(Id).width;
var m = 550;
if(w < m)
{
return;
}
else
{
var h = $(Id).height;
$(Id).height = parseInt(h*m/w);
$(Id).width = m;
}
}
window.onload = function()
{
var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img");
var i=0;
for(;i