ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   ئېنىقسىز   كىنو   MTV   رەسىم   ناخشا   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
ئيرىلىش
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·رەنانىڭ تويى
·مەمەت ھەققىدە پاراڭ
·تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
·ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
·‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
·تورداشلارغا خوش خەۋەر 
·بىزنىڭ ناخشىمىز 
·بەربات بولغان مۇھەببەت
·ئايرىلىش مىنۇتلىرى
·ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
  >> تەۋىسىيە ماقالە
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
نۇر بەكرى رايۇنىمىزنىڭ مۇۋاپپى
جايلاردىن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېق
ئادەم ئىشلىتىشنىڭ باس–باس مەزگى
ا سېتىش سىستېمىسى رەسمىي ئىشقا 
لەڭگەر يېزىسىنىڭ يېڭى قىياپىتى
نۇر بەكرى دۆلەت رادىئو–كىنو–تېل
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور بىكىتى => خــەۋەر مـەركـىـزى => دىيارىمىز خەۋىرى => مەزمۇن كۆرۈش
لەڭگەر يېزىسىنىڭ يېڭى قىياپىتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش
ئاپتۇر : تور دۇنياسى    مەنبە : تور دۇنياسى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى05- ئاينىڭ02- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىكتەۋىسىيە  

ۋاڭ لېچۈەننىڭ قادىر باقىنى يوقلىغانلىقى ھەققىدە

— يولداش قادىر باقى، كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزاق بوپتۇ، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز!

       24 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن چۆلتاغ ئېتىكىدىكى كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاغى يېزىسى لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ، كۆرۈشمىگىنىگە ئىككى يىل بولغان قەدىناس دوستى — مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس قادىر باقى بوۋاينى يوقلىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، ئىككى قولىنى سوزغىنىچە تېز – تېز مېڭىپ، ئۆزىنى كۈتۈۋالغىلى چىققان قادىر باقىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى.

       — 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، سىز لەڭگەر كەنتىگە ئالايىتەن كېلىپ مېنى ۋە يۇرتداشلىرىمنى يوقلىغان ئىدىڭىز، ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپچىلىك ئاشۇ كۈننى ئېسىمىزدىن چىقارمىدۇق، سىزنىڭ يەنە كېلىشىڭىزنى كۈتتۇق، ئويلىمىغان يەردىن بۈگۈن سىز راستىنلا كەپسىز! – دېدى قادىر باقى بوۋاي ۋاڭ لېچۈەننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇ تىلىدا. ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجانلانغىنىدىن تىترەپ چىقاتتى.

       — ئىككى يىل كۆرمىگەنگە سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىڭىز شۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، ھەقىقەتەن پېشقەدەم نەمۇنىچىگە مۇناسىپ سىز جۇمۇ! – ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىدىن كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.

       — ئازادلىق ئارمىيە كۈندە بىز بىلەن بىللە بولۇۋاتىدۇ،  نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ بىزگە ياردەملەشتى، مەن خەنزۇچىنى شۇلاردىن ئۆگىنىۋالدىم، – دېدى قادىر باقى بوۋاي.

       قادىر باقى بوۋاي ۋاڭ لېچۈەننى  ئۆيىگە باشلىدى. تېخى بۇلتۇرلا سېلىنغان 130 كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي كۆركەم ۋە پاكىز ئىدى.

      — پاھ، ئىككى يىلدا، قىياپەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپتۇ! – ۋاڭ لېچۈەن كەڭ ھويلىغا كىرىپ، ئەتراپقا قارىغاندىن كېيىن خۇشال بولۇپ كەتتى.

       — ۋاڭ شۇجى سىز بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى لەنگەر كەنتىگە كەلگەندە يۇرتداشلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىياپىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشىمىزغا، لەنگەر كەنتىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقانتىلە. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە بىزگە نۇرغۇن ياردەم بەردى، مەملىكىتىمىزدىكى كۆپلىگەن جايلار، جەمئىيەتتىكىلەر بىزگە ئەمەلىي ياردەم بەردى، بولۇپمۇ ئازادلىق ئارمىيە كۆپ كۈچىدى. قاراڭ! ھازىر كەنتىمىزدىكى ھەممە ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، پاتقاق گازى، سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان ھاجەتخانا ئىشلىتىدىغان بولدى، يەنە شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش كۈندە مۇنچىدا يۇيۇنالايدىغان بولدى. خۇشاللىقىمدىن ئىچ – ئىچىمگە پاتماي كۈندە دېگىدەك ئۇچ چاقلىق توكلۇق موتسىكلىتىمنى مىنىپ كەنتنى ئايلىنىپ چىقىمەن، دېدى قادىر باقى

        بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن لەنگەر كەنتىدىكى يۇرتداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدىكى ئاشۇ بوش جاي ھازىر كەڭ ۋاسكېتبول مەيدانىغا ئايلىنىپ، ئەتراپىغا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ئەسلىھەلەر رەتلىك ئورنىتىلغانىدى؛ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا چىرايلىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پاكىز، ئازادە، كۆركەم ئىككى قەۋەتلىك بىناسى بار ئىدى؛ كەڭ، تەكشى يول كەنتنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا رەتلىك سېلىنغان قورۇلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ھەر خىل رەڭلەر بىلەن سىرلانغان بولۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ دەرۋازىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى...

       قادىر باقى بوۋاي خوشلىشىدىغان چاغدا، كۆزى قىيمىغان ھالدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ:

      — بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى سىز ماڭا ئىككى قوي سوۋغا قىلغانتىڭىز، ھازىر كۆپىيىپ يەتتە بولدى. مېنىڭ يەنە بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى. شورپا سېلىپ بەرسەم يەۋىلىپ ئاندىن ماڭسىڭىز، بىز لەنگەرلىكلەر پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئازادلىق ئارمىيىگە ھەم سىزگە مىننەتدارلىقىمىزنى ئىزھار قىلىۋالغان بولساق بولاتتى – ، دېدى.

       ۋاڭ لېچۈەن رازىمەنلىك بىلەن قادىر باقى بوۋايغا:

    — لەنگەر كەنتىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، سىز پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ياردىمىدە، يۇرتداشلارنى باشلاپ لەنگەر كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈڭ، شۇ چاغدا بىز يەنە كېلىمىز! – دېدى.
 

function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格 { var w = $(Id).width; var m = 550; if(w < m) { return; } else { var h = $(Id).height; $(Id).height = parseInt(h*m/w); $(Id).width = m; } } window.onload = function() { var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img"); var i=0; for(;i
خەتكۈچ : ئېنىقسىز خەۋەر
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى