تۈنۈگۈن چۈشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئۈرۈمچىدە شۋېتسارىيىنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانتې مارتىنېللى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى كۆرۈشۈشتە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا زور ئۆزگىرىش بولدى، 8 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئالدىنقى 50 يىلدا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ 80 پىرسەنتىنى مەركەز مەبلىغى ئىگىلەيدۇ. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قىزىش، ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇ نوقتا باش ئەلچى ئەپەندىمگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشى مۇمكىن، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، شۋېتسارىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىر - بىرىگە ئىشىنىشى، چۈشىنىشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىغا ئىشىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۋېتسارىيىلىك كارخانىچىلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
دانتې مارتىنېللى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا زىيارەتتە بولىدۇ. باش ئەلچى دانتې مارتىنېللى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن، بۇ بىر قانچە كۈنلۈك زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول تارىخىي، مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتىم، بۇ شۋېتسارىيىنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزگىچە جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە.
function ImgZoom(Id)//重新设置图片大小 防止撑破表格
{
var w = $(Id).width;
var m = 550;
if(w < m)
{
return;
}
else
{
var h = $(Id).height;
$(Id).height = parseInt(h*m/w);
$(Id).width = m;
}
}
window.onload = function()
{
var Imgs = $("content").getElementsByTagName("img");
var i=0;
for(;i