ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 15 – ئاپرېل جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، سىبىرىيىدىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا جايلار، تارماقلار تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تارماقلىرى كېۋەز تېرىش سۈرئىتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، تېرىلىپ بولغان ئېتىزلارغا سولياۋ يۇپۇق يېپىپ، شامالدىن، تۆۋەن تېمپىراتۇرىدىن ۋە ئۈششۈكتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ تەدبىر قوللىنىپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ چارۋىلارنى يايلاققا كۆچۈرۈش ۋە تۆل ئېلىش، ئەي قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، چوڭ زىياندىن ساقلىنىشى كېرەك. تۆمۈريول، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، تاشيول ترانسپورتى قاتارلىق قاتناش – ترانسپورت تارماقلىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش دېسپېتچېرلىكىنى كۈچەيتىپ، يول راۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ج خ، قاتناش تارماقلىرى ۋەقە ئاسان يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە چارلاشنى كۈچەيتىپ، قاتناشنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناش ترانسپورت تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. قۇرۇلۇش، ئېلېكتر، پار، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، تەبىئىي گاز، ئالاقىچىلىك قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار سۇ، توك، گاز بىلەن نورمال تەمىنلەش ۋە ئالاقىچىلىكنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، جايلار بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش مۇددىتىنى نورمال ئۇزارتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.