ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   رەسىم   MTV   كىنو   ناخشا   خەۋەر   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
مەمەت ھەققىدە پاراڭ
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·پەرھاد شېرىن
·سەكراتتىكى سۆيگۈ
·قېرى بالا
·ئاتۇش پەدىسى
·ئانام قۇنىخان دادام كارۋان
·ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچ
·ھىندىستاننىڭ جۇڭگودىكى ئىككىنچ
·ۋېن جياباۋ تاڭجياشەن توسۇلما كۆ
·تەڭرىتاغ بۈركىتى
·ئايلىنىمەن قارا كۆز
  >> تەۋىسىيە ماقالە
 ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىي
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور ى ئۇنۋېرسال قانىلى => تـاللانغان ئەسـەرلـەر => ئۆرىپ ئادەت => مەزمۇن كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى
ئاپتۇر : ياخشى 123 تورى    مەنبە : ياخشى 123 تورى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى06- ئاينىڭ08- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىكتەۋىسىيە  چوققا  

ئۇيغۇرلار-- كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر  كۆرسەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. قول يۇيۇش مەدەنىيتى- ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئېسىل مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلنىۋاتقان تېما گەرچە ئاڭلىماققا كىشىگە ئانچە چوڭ ئىشتەك تۇيۇلمىسىمۇ، ئەستايىدىل كۈزىتىدىغان بولساق، بۇلارغا بىر مۇنچە ئىلمىيلىكنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ، ئىجادىيلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
قول يۇيۇش-- ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا- پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكىرېت ئىپادىلىنىشىدۇر . 
ئۇيغۇرلار: تازىلىق- ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەخلاقنىڭ زىننىتى، دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى؛ قول پاكىز بولسا، پۈتۈن بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش ھەركەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقى، كېيىم- كېچەك تازىلىقى، ئۆي- ئىمارەت تازىلىقى، مۇھىتتازىلىقى،  قاتارلىقلارغا تۈجۈپىلەپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا قول يۇيۇشنى ئائىلە  مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمونى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە؛ ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئالدى بىلەن قولىنى، ئاندىن باشقا  ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. ئاش- تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش، يېمەك- ئېچمەك تەييارلاش، ھەر خىل ئاش- تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت- ئېكرام بىلەن قائىدە- يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشتا نەپس ئىشلەنگەن ئاپتۇۋا- چىلاپچىلار ھازىرلىنىدۇ. ساھىبخان تەرەپتىن قولغا سۇ قويۇشقا  مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قولغا سۇ قويغۇچىلار مېھمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسياتى بىلەن سۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىقىنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋانىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاپتوۋانىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەككۈزۈپ، ياشتا ۋە  ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي ئۈزۈپ- ئۈزۈپ قولىغا سۇ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ئارا قول يۇيدۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ بار بولۇپ، ئادەتتە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە سۇ قويۇش بويىچە داۋاملىشىدۇ. يەنى بېرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇرھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل، ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قويۇش كېرەك. 
مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرقى قائىدە- تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قول يۇيۇشلاردىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىزە قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ خاسىيىتى تەن قۇرۇلۇشى، چىراي گۈزەللىكى، روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەنبە : «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» تورى دىن ئېلىندى.

ئالدىنقى پارچىسى : تېخى يوق      كېيىنكى پارچىسى :تېخى يوق
خەتكۈچ : mtv رەسىم ماقالە
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
新ICP备08001678号
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى