ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   ئېنىقسىز   كىنو   MTV   رەسىم   ناخشا   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
ئيرىلىش
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·رەنانىڭ تويى
·مەمەت ھەققىدە پاراڭ
·تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
·ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
·‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
·بىزنىڭ ناخشىمىز 
·بەربات بولغان مۇھەببەت
·ئايرىلىش مىنۇتلىرى
·كەچۈر گۈلۈم
·بىرئەر ئۈچ خوتۇن 
  >> تەۋىسىيە ماقالە
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور بىكىتى => تـاللانغان ئەسـەرلـەر => دىلو ۋە قانۇن => مەزمۇن كۆرۈش
تەكلىپ قىلىنغان دوختۇر داۋالاش جەريانىدا خەتەر پەيدا قىلسا،مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
ئاپتۇر : تور دۇنياسى    مەنبە : تور دۇنياسى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى04- ئاينىڭ20- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىك

گۈلخان 2003 – يىلى 5 – ئايدا مەلۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان بولۇپ، داۋالاش ئېھتىياجى بىلەن ئۇنىڭ بەل قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەن. گۈلخاننىڭ ئائىلىسى ئوپېراتسىيىدىن ئەنسىرىگەندە دوختۇرخانا تەرەپ كاپالەتلىك بېرىپ، ياخشى دوختۇر – سېستىرالارنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان ھەمدە ئوپېراتسىيىگە دوختۇرخانىنىڭ تەكلىپلىك دوختۇرى ئابلىزنى ئورۇنلاشتۇرغان.

              ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئابلىز ئېھتىياتسىزلىقتىن گۈلخاننىڭ ئاساسلىق تومۇرىنى كېسىۋەتكەنلىكتىن گۈلخان ئوپېراتسىيىدىن كېيىن نورمال ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنى كۆرگەن گۈلخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى قانۇن دوختۇرىغا باھالاتقان. نەتىجىدە گۈلخانغا 8 – دەرىجىلىك مېيىپ، دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. گۈلخان دوختۇرخانا تەرەپتىن تۆلەم بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دوختۇرخانا :«ئوپېراتسىيىنى ئابلىز قىلغان، ئۇ دوختۇرخانىمىزنىڭ دوختۇرى ئەمەس، شۇڭا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئابلىز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ رەت قىلغان.

              شۇنىڭ بىلەن گۈلخان دوختۇرخانا ئۈستىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان. سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، دوختۇرخانا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دوختۇر ئوپېراتسىيە جەريانىدا زىيان پەيدا قىلغان بولغاچقا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مەزكۇر دوختۇرخانا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، دوختۇرخانىنى گۈلخاننىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇغان.


              بۇ دېلودىكى تەكلىپ قىلىنغان دوختۇر ئابلىزنىڭ گۈلخاننى داۋالاتقان قاتنىشىش ھەرىكىتى بىر خىل ۋاكالەتلىك ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.

              بۇ دېلودا تەكلىپلىك دوختۇر ئابلىز بىمار گۈلخاننى ئوپېراتسىيە قىلىش ھەرىكىتى قارىماققا ئابلىز بىلەن گۈلخان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۈلخان بىلەن دوختۇرخانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇلازىمەت قىلىش ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشتەك ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىدۇر. گۈلخان داۋالىنىش ئۈچۈن مەزكۇر دوختۇرخانىغا كەلگەن، تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان ئابلىز مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن داۋالاش پائالىيىتىگە قاتناشقان. بۇ خىل داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئاساسلىق مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى دوختۇرخانا بولۇپ، دوختۇر ئابلىزنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى دوختۇرخانا ئۈچۈن ۋاكالەتلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.


              ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 63 – ماددىسىدا:«پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتىنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنى ھەرىكىتىنى ۋاكالەتلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا ئېلىپ بارىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچىنىڭ نامىدا ئېلىپ بارىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.


              تەكلىپ قىلىنغان دوختۇر ئابلىز دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئوپېراتسىيە پائالىيىتىگە قاتناشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى دوختۇرخانا ئۈچۈن ۋاكالەتلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، شۇڭا گۈلخاننىڭ مۇناسىپ زىيىنىنى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دوختۇرخانىنىڭ :«ئابلىز دوختۇرخانىمىزنىڭ رەسمىي دوختۇرى ئەمەس، زىياننى ئۆزى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەننى ئاساس قىلىپ گۈلخاننىڭ زىيىنىنى تۆلەشنى رەت قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، شۇڭا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ گۈلخاننىڭ زىيىنىنى دوختۇرخانىنىڭ تۆلىشىنى بۇيرۇشى قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇن.

خەتكۈچ : ئېنىقسىز
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى