جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى
(2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ
28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى
بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ
1- ماددا:ﺑﯘ قانۇن ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى مذكةممةللةشتۈرۈش، ئةمگةك توختامى تۈزۈشكۈچى ئىككى تةرةپنىڭ ھوقۇقى ۋە مةجبۇرىيتىنى ئايدىڭلاشتۈرۇش، ئةمگةكچىلةرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مةنپةئىتىنى قوغداش، ئىناق مۇقىم ئةمگةك مۇناسىۋتىنى ئورنىتىش ۋة راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2- ماددا:جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانا، يەككە ئىگلىك تةشكىلاتى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋةندة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن دىيىلدۇ) ئةمگةكچىلةر بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئةمگةك توختامنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگةرتىش، بېكار قىلىش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تةدبىقلىندۇ.
دۆلةت ئورگىنى، كةسپي ئورۇن، ئىجتىمائي تةشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگةرتىش، بېكار قىلش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تةدبىقلىندۇ.
3- ماددا: ئةمگةك توختامى تۈزۈشتة قانۇنلۇق ،ئادىل ، باراۋةر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش ، سةمىمي بولۇش ، لەۋزىدە تورۇش پىرىنسىپىغا ئةمةل قىلىش كېرەك.
قانۇنلۇق تۈزۈلگةن ئةمگةك توختامىنىڭ چەكلەش كۈچى بولىدۇ ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن مةجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.
4- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك قائىدة-تۈزۈمىنى قانۇن بويىچة ئورنىتىپ ۋە مۇكەمملەشتۈرۈپ، ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بۇلىشىغا ئةمگةك مةجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشغا كاپالةتلىك قىلىشى كېرەك.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك ھةققى، ئىش ۋاقتى، ئارام-ئوتپوسكا، ئةمگةك بىخةتةرلىكى-ساقلىقنى ساقلاش، سوغۇرتا، پاراۋانلىق، ئىشچى خىزمةتچىلةرنى تةربىيلةش، ئةمگةك ئىنتىزامى شۇنىڭدەك ئةمگةك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق، ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئةتىگة بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈملەرنى چىقىرىش، تۈزىتىش ياكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئىشچى خىزمةتچىلةر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى خىزمةتچىلةرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، لايھةسى ۋة پىكىرنى قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى خىزمةتچىلةر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋةر ئاساستا كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك
قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى قارارنى يولغا قۇيۇشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋة ئىشچى خىزمةتچلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا پىكىرنى قويۇپ ، كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھۇقۇقلۇق.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئىتىگة بىۋاستة مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىش ۋە ئةمگةكچىگة ئۇقتۇرۇپ قويىشى كېرەك.
5- ماددا: ناھية دةرىجىلىكتىن يوقىرى خةلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئةمگةك مةمۇري تارمىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋة كارخانا ۋةكىلى بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇردىغان ئۈچ تةرةپ مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەلشتۈرۈپ، ئةمگةك مۇناسىۋىتىگة ئالاقىدارچوڭ-چوڭ مةسىللةرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ ھةل قىلىدۇ.
6- ماددا: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئةمگةكچى بىلەن ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ ئةمگةك توختامىنى قانۇن بويىچة تۈزۈشگە، ئادا قىلىشىغا ياردەم بىرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن كوللىكتىپ كېڭىشش مېخانىزىمى ئورنىتىپ ئةمگةكچىلةرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مةنپةئةتىنى قوغداشى كېرەك.
ئىككىنچى باپ ئةمگةك توختامى تۈزۈش
7- ماددا:ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ ئةمگةكچىلةر بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئشچى خىزمةتچىلةرنىڭ تىزىملىكى تۇتۇشى كېرەك.
8- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا ئةمگةكچىگة قىلىدىغان ئىشى، ئىش شارائىتى، ئىش ئورنى، كةسپ خەۋپى، بىخةتةر ئىشلةپچىقىرىش ئةھۋالى، ئةمگةك ھةققى شۇنىڭدەك ئةمگةكچى بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچى بىلەن ئةمگةك توختامىغا بىۋاستة مۇناسىۋةتلىك ئاساسي ئةھۋالنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق ، ئةمگةكچى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
9- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچى ئالغاندا ئةمگةكچىنىڭ كىملىكى ياكى باشقا گۇۋاھنامىلىرنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. ئةمگةكچىدىن كىپىل تېپىشنى تەلەپ قىلسا باشقا نام بىلةن پۇل- مال ئالسا بولمايدۇ.
10- ماددا: ئةمگةك مۇناسىۋتى ئورنىتىشتا، يازما ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك.
ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئةمگةك توختامى تۈزمىگەنلەر، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1ئاي ئىچىدە بىر ئاي ئىچىدة يازمىچة ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئةمگةكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلدۇ..
11- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةندة يازمىچة ئةمگةك توختامى تۈزۈشمىگەن، ئةمگةكچى بىلةن ئەمگەك ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولىسا، يېڭى ئالغان ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك ھةققى كوللىكتىپ توختامدا بةلگىلةنگةن ئۆلچةم بويىچة بولىدۇ؛ كوللىكتىپ توختام تۈزمىگەن بولىسا ياكى كوللىكتىپ توختامدا بةلگىلىمىگةن بولىسا، ئوخشاس ئىشقا ئوخشاش ھةق بېرىلدۇ.
12- ماددا: ئةمگةك توختامى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ۋة مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈشنى مۇددەت قىلغان ئةمگةك توختامى دەپ ئايرىلدۇ.
13- ماددا: تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشكەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزسة بۇلىدۇ.
14- ماددا: تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشمىگەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى كىڭىشىپ بىر پىكىرگە كىلىپ تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ. ئةمگةكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا، تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرىدە ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغان ياكى ئۇنىڭغا قۇشۇلۇشنى لايىق تاپقاندا، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك،
(1).ئةمگةكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10يىل توشقان بولسا:
2.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختام تۈزۈمىنى يېڭى يولغا قويغاندا ياكى دۆلةت كارخانىسى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگةرتىپ، ئةمگةك توختامىنى قايتا تۈزگەندە، ئةمگةكچىنىڭ ئىشلةتكۈچى شۇ ئورۇندا ئىشلىگىنىگە 10 يىل توشقان ھةمدة قانۇندا بةلگىلةنگةن پىنسىية يېشىغا 10يىلدىن ئاز قالغان بولسا؛
(3). تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى 2-قېتىم داۋاملىق تۈزۈلگەن بولسا ھەمدە ئةمگةكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ھةمدة 40-ماددىسىنىڭ (1)-، (2) - تارماقچسىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال بولمىغانلىقتىن ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشكەن بولسا؛
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئةمگةكچى بىلةن يازما ئةمگةك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشتى دةپ قارىلىدۇ.
15- ماددا: مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى مةلۇم ئىشنى پۈتتۈرۈشنى توختام مۇددىتى قىلىپ پۈتۈشكەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئۈرۇن بىلةن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگەندە كةلگةندە مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ.
16- ماددا: ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كةلگةندە ھەمدە ھةمدة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگة ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندا كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
17- ماددا: ئةمگةك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بۇلىشى كېرەك:
(1).ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋةكىلى، ياكى ئاساسى مەسئۇلى؛
(2).ئةمگةكچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادىرىسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نۇمۇرى؛
(3).ئةمگةك توختامنىڭ مۇددىتى؛
(4).قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛
(5).ئىش ۋاقتى ۋة ئارام ئوتپوسكا؛
(6).ئةمگةك ھةققى؛
(7).ئىجتىمائى سۇغۇرتا؛
(8).ئةمگةك مۇھاپىزىتى، ئةمگةك شارائىتى، ھةمدة كةسپى خەۋەپ مۇداپىئەسى؛
(9).قانۇن نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بةلگىلةنگةن باشقا ئىشلار؛
ئةمگةك توختامىدا ئالدىنقى تارماقلاردا بةلگىلةنگةن زۆرۆر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تةربىيلةش، مةخپىيةتلىكنى ساقلاش، تۇلۇقلىما سۇغۇرتا ۋة پاراۋانلىق تةمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بۇلىدۇ.
18- ماددا: ئةمگةك توختامىدا ئةمگةك ھةققى ۋة ئةمگةك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق پۈتۈشمەي تالاش-تارتىش كىلىپ چىققان بولسا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى قايتا كېڭىشسة بولىدۇ؛ كىلىشەلمىگەن ئىشلار كوللىكتىپ توختامدىكى بةلگىلىمة بۇيىچە بولىدۇ؛ كوللىكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللىكتىپ توختامدا ئةمگةك ھةققى بةلگىلةنمىگةن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھةق بىرىلدۇ؛ كوللىكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللىكتىپ توختامدا ئةمگةك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمى بةلگىلةنمىگةن بولسا دۆلةتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.
19- ماددا: ئةمگةك توختامىنىڭ مۇددىتى3 ئايدىن يۇقىرى، 1 يىلدىن تۆۋەن بولسا سىناپ ئىشلتىش مۇددىتىنى 1 ئايدىن ئاشۇرۇۋىتىشكة بولمايدۇ، ئةمگةك توختام مۇددىتى 1 يىلدىن يۇقىرى، 3 يىلدىن تۆۋەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 2 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكة بولمايدۇ، 3 يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ۋة تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختام تۈزگەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 6 ئايدىن ئاشۇرۇۋىتىشكة بولمايدۇ.
ئادةم ئىشلةتكۈچى بىر ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ.
مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامىدا ياكى مۇددىتى 3 ئايغا يەتمەيدىغان ئةمگةك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ.
ئةمگةك توختام مۇددىتى سىناپ ئىشلتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئةمگةك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا سىناپ ئىشلتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ،، بۇ مۇددەت ئەمگةك توختامى مۇددتى بۇلىدۇ.
20- ماددا: ئةمگةكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئةڭ تۆۋةن مائاشىدىن ياكى ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشنىڭ %80 دىن تۆۋةن بولسا بولمايدۇ، ھةمدة ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تورۇشلۇق جايدىكى ئةڭ تۆۋةن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋةن بولسا بولمايدۇ.
21- ماددا: سىناپ ئىشلىتىش مةزگىلى جةريانىدا ئةمگةكچىدة مۇشۇ قانۇننىڭ (39)-ماددىسى ھةمدة (40)-ماددىسىنىڭ (1)، (2)تارماقچىسىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال كۈرۈلمىسە، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنلاردىن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئةمگةك توختامنى بىكار قىلدىغانلىرى ئةمگةكچىگة سةۋةبىنى چۈشةندۈرۈپ قويىشى كېرەك.
22- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنلاردىن ئةمگةكچىنى مةخسۇس تةربىيلةش ھەققى چىقىرىپ، كةسپى تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلىگەنلىرى ئةمگةكچى بىلةن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بۇلىدۇ.
ئةمگةكچىلەردىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچة خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى كېرەك. خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ سوممىسى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن چىقارغان تةربىيلةش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىگە تۆلةتكۈزدىغان خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىنىڭ قېپقالغان قىسمى ئۈچۈن تۆلەيدىغان تەربىيلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ئةمگةكچىنىڭ ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىدىكى ئةمگةك ھةققى نورمال مائاش تةڭشةش مېخانىزىمى ئۆستۈرۈشكة تةسىر يەتمەيدۇ.
23- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىدا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ سودا مةخپىيىتى ۋة بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقىغا مۇناسىۋةتلىك مةخپىيةتلىكنى ساقلاشنى پۈتۈشسە بۇلىدۇ.
ئةمگةكچىنىڭ مةخپىيةتلىكنى ساقلاش مةجبۇرىيتى بولغاندا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامى ياكى مةخپىيةتلىكنى ساقلاش كىلىشىمىدە كەسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇش مەزمۇنىنى ئەمگەكچى بىلەن پۈتۈشسە ھەمدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، كەسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇش مۇددىتىدە ئەمگەكچىگە ئايمۇ-ئاي ئىقتىسادى تۇلۇقلىما بىرىشنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچىلەردىن كەسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇش پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى كېرەك.
24- ماددا: كةسىپ رىقابەتىگە چةك قۇيۇلدىغانلار ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ يۇقىرى دةرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمىلىرى، يۇقىرى دةرىجىلىك تېخنىك خادىملىرى ۋة باشقا مةخپىيةتلىك ساقلاش مةجبۇرىيتى بار باشقا خادىملار بىلةن چةكلىندۇ. كةسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇلدىغان دائىرە، جاي ۋە مۇددەتنى ى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى پۈتۈشىدۇ، كةسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇش پۈتۈمى قانۇن نىزاملاردىكى بةلگىلىملةرگة خىلاپ كەلسە بولمايدۇ.
ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ئالدىنقى تارماقلاردا بةلگىلةنگةن خادىملاردىن ئۆز ئورنى بىلةن ئوخشاش مةھسۇلاتنى ئىشلەيدىغان ياكى تىجارەت قىلىدىغان، ئوخشاش كةسىپنى يولغا قويغان، رىقابةت مۇناسىۋتى بولغان باشقا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا بارغانلىرى ياكى ئوخشاش مةھسۇلاتنى ئۆزى ئىشلةيدىغان ياكى تىجارةت قىلدىغان، ئوخشاش كةسىپنى يولغا قويىدىغانلىرىنىڭ كەسىپ رىقابىتىگە چەك قۇيۇش مۇددىتى 2يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
25- ماددا: مۇشۇ قانۇننىڭ 22- ۋة 23-ماددسىسدا بةلگىلةنگةن ئةھۋالنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ئةمگةكچى ئۈستىگة ئېلىشنى ئەمگەكچى بىلەن پۈتۈشسە بولمايدۇ.
26- ماددا: ئەمگەك توختامىدىن تۆۋەندىكىلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ياكى قىسمەن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:
1.ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكەن ئەمگەك توختامى؛
2.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جاۋاپكارلىقنى خالاس قىلىۋەتكەن ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇقىنى چەتكە قاققان ئەمگەك توختامى؛
3.قانۇن، مةمۇرى نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەمگەك توختامى؛
ئةمگةك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەس ياكى قىسمةن كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكةنلىكىگة قارىتا تالاش-تارتىش كۈرۈلسە، ئةمگةك تالاش تارتىشى كېسىم ئاپاراتى ياكى خةلىق سوت مەھكىمىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بىرىدۇ.
27- ماددا: ئةمگةك توختامى قىسمةن قىسمةن كۈچكە ئىگە بولمىغاندا، باشقا قىسىمىنىڭ كۈچىگە تةسىر يةتكۈزمىسة، باشقا قىسىمى كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
28- ماددا:ئةمگةك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، ئةمگةكچىنىڭ بۇرۇنقى ئەمگىكىگە ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ھةق بىرىشى كېرەك. ئةمگةك ھةققىنىڭ شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىش ئورنىدىكى ئةمگةكچىنىڭ ئەمگەك ھەققى سوممىسىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
ئۈچۈنچى باپ ئةمگةك توختامىنىڭ ئادا قىلىنىشى ۋة ئۆزگةرتىلىشى
29- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى ئۆزلىرىنىڭ مةجبۇرىيتىنى ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچة تۇلۇق ئادا قىلىشى كېرەك.
30- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن چۇقۇم ئةمگةك توختامدىكى پۈتۈمى ۋة دۆلةتنىڭ بةلگىلىمىسى بۇيىچة ئةمگةكچىگة ئەمگەك ھةققىنى ۋاقتىدا، تۇلۇق بېرىشى كېرەك.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك ھةققىنى نىسى قىلسا ياكى تولۇق بەرمىسە، ئةمگةكچى خةلىق سوت مةھكىمىسىدىن بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشنى قانۇن بويىچة ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ، خةلىق سوت مةھكىمىسى قانۇن بۇيىچة بىرىم بويرۇقى چىقىرىشى كېرەك.
31- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئەمگەك نورمىسى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئةمگةكچىنى ئىسىمنا قۇشۇپ ئىشلةشكة مةجبۇرلاشقا ياكى باشقا يول بىلەن مةجبۇرلاشقا يول قۇيۇلمايدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىسىمنا قوشۇپ ئىشلةشكة ئورۇنلاشتۇرغانلىرى دۆلةتنىڭ ئالاقىدار بةلگىلىمىلىرى بويىچة ئةمگةكچىگة ئىسىمنا قوشۇپ ئىشلةش ھەققى بېرىشى كېرەك.
32- ماددا: ئةمگةكچىلەردىن ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇندىكى باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ قائىدىگة خىلاپ قوماندانلىقى، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغانلىرى ئةمگةك توختامىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالمايدۇ.
ئةمگةك شارائىتى ئةمگةكچىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخةتةرلىكى ۋة تةن ساغلامىلىقىغا خەۋىپ يەتكۈزدىغان ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننى تةنقىدلەشكە، پاش قلىشقا ،ئةرىز قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.
33- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ نامى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋةكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى مةبلةغ سالغۇچىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگةرتسة، ئةمگةك توختامىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تةسىر كۆرسەتمەيدۇ.
34- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇندا قوشۇۋىتىش ياكى ئايرىۋىتىش ئةھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئةسلىدىكى ئةمگةك توختامى كۈچكة ئىگة بۇلىۋىرىدۇ، ئةمگةك توختامىنى ھۇقۇق ۋة مةجبۇرىيةتكة ۋارىسىلىق قىلغۇچى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادا قىلىۋىرىدۇ.
35- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى كىڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە، ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن مةزمۇننى ئۆزگةرتسة بۇلىدۇ، ئةمگةك توختامى يازما شةكىلدة ئۆزگةرتىلىشى كېرەك.
ئۆزگةرتىلگةن ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى بىر نۇسىخىدىن ساقلايدۇ.
تۆتىنچى باپ ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىش ۋة ئاخىرلاشتۇرۇش
36- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ.
37- ماددا: ئةمگةكچى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، ئةمگةك توختامى بىكار قىلىنسا بۇلىدۇ. ئةمگةكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا 3 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا ئةمگةك توختامى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.
38- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇندا تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة، ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ:
1. ئةمگةك مۇھاپىزىتى ۋە ئةمگةك شارائىتىگە ئةمگةك توختامىدىكى پۈتۈم بۇيىچە ئىگە قىلمىسا؛
2.ئةمگةك ھةققى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىسە؛
3. ئةمگةكچىنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا پۇلىنى قانۇن بۇيىچة تاپشۇرمىسا؛
4.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدة-تۈزۈمى قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئةمگةكچىنىڭ ھۇقۇق مةنپةئةتىگە زىيان يەتكۈزسە؛
5.مۇشۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال كۆرۈلۈپ، ئةمگةك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىسا:
6. قانۇن، مةمۇرى نىزاملاردا ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئةھۋاللار .
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تةھدىت سېلىش ياكى جىسمانى ئةركىنلىكنى قانۇسىز چةكلەش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئةمگةكچىنى ئةمگةك قىلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن قائىدىگة خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلشقا بۇيرۇپ، ئةمگةكچىلةرنىڭ جىسمانى بىخةتةرلىككة خەۋىپ يەتكۈزسە، ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىنى دەرھال بىكار قىلىسا بۇلىدۇ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھاجەتسىز.
39- ماددا: ئةمگةكچىدة تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ:
1.سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە شەرىتكە توشمايدىغانلىقى ئسپاتلانغان بولسا؛
2.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدة-تۈزۈمىگة ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
3.ئېغىر دەرىجىدە مةسئۇلىيةتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادةم ئشلةتكۈچى ئورۇنغا زور زىيان سالغان بولسا:
4.ئةمگةكچى ئادةم ئىشلةتكۈچى باشقا ئورۇن بىلةنمۇ ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئۇرنىتىۋىلپ،ئۆز ئورۇنىنىڭ ئىشنى پۈتتۈرىشىگە ئېغىر تةسىر يةتكۈسە ياكى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن نەسىھەت قىلسىمۇ تۈزەتمىسە؛
5. مۇشۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال كۆرۈلۈپ، ئةمگةك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا؛
6.قانۇن بۇيىچة جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلغان بولسا؛
40- ماددا: تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن شۇ ئەمگەكچىگە 30كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى ئةمگةكچىنىڭ بىر ئايلىق ئىش ھةققىنى ئارتۇق بەرگەندىن كىيىن ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلدۇ؛
1.ئةمگةكچى كىسةل بولۇپ ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ، بةلگىلةنگةن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن، ئةسلىدىكى ئىشنى قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالسا، ھەمدە ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالمىسا؛
2.ئةمگةكچى ئىشنىڭ ھۆددسىدىن چىقالماي، تةربىيلةنگەندىن كېيىن ياكى ئىش ئورنىنى تةڭشىگةندىن كېيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددسىددىن چىقالمىسا؛
3.ئةمگةك توختامى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان ئوبىكتىپ ئةھۋالدا زور ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ، ئةمگةك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىغاندا ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى كىڭىشىپ ئةمگةك توختامىنىڭ مةزمۇنىنى ئۆزگةرتىش توغرىسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلالمىسا.
41- ماددا: تۆۋةندىكى ئةھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، 20دىن ئارتۇق ئادةمنى قىسقارتىشقا توغرا كەلسە ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم 20گە يەتمىسىمۇ، كارخانا خىزمةتچىلىرى سانىنىڭ %10دىن ئاشقاندا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى بارلىق ئىشچى خىزمةتچىلةرگة 30كۈن بۇرۇن ئەھۋالنى چۈشةندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئادةم قىسقارتىش لايھىسىنى ئةمگةك مةمۇرى تارمىقىغا يوللاپ ئادەم قىسقارتسا بۇلىدۇ:
1.كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنىدىكى بةلگىلىمە بويىچة قايتا تةرتىپكة سېلىندىغان بولسا؛
2.ئىشلةپچىقرىش، تىجارةتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بولسا؛
3.كارخانا باشقا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، زور دةرىجىدة تېخنىكا يېڭىلاش ياكى تىجارةت ئۇسۇلىنى تةڭشەش سەۋەبىدىن، ئةمگةك توختامىنى ئۆزگةرتكةندىن كىيىنمۇ ئادةم قىسقارتىشقا توغرا كەلسە؛
4. ئةمگةك توختامى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان باشقا ئوبىكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ، ئةمگةك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىسا:
ئادەم قىسقارتقاندا تۆۋةندىكىلەرنى ئالدىن ئېلىپ قېلىش كېرەك؛
1. شۇ ئورۇن بىلةن ئۇزاقراق مۇددەتلىك، قەرةللىك ئةمگةك توختامى تۈزگةنلار؛
2. شۇ ئورۇن بىلةن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزگةنلار؛
3.ئائىلىسىدة ئىشقا ئورۇنلاشقىنى بولمىغان، باقىدىغان ياشانغانلار ياكى قۇرامىغا يةتمىگةنلىرى بولغانلىرى؛
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة خادىم قىسقارتىپ، ئالتة ئاينىڭ ئىچىدة قايتا ئادەم ئالدىغانلىرى قىسقارتىۋىتىلگەنلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھةمدة ئوخشاش شارائىتتا ئۇلارنى ئاۋال ئېلىشى كېرەك.
42- ماددا: ئةمگةكچلەردة تۆۋةندىكى ئةھۋلنىڭ بىرى كۆرۈلسة، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40-،41-ماددىسىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ:
1.كةسپى كېسةل خەۋپى بار مةشغۇلات قىلغان ئةمگةكچىنىڭ كةسپى سالامةتلىكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تةكشۈرتىلمىگەن بولسا ياكى گۇمانى كةسپى كىسةللىكى دىئاگنوز قۇيۇلۇۋاتقان ياكى تىببى كۆزىتىش مةزگىلىدة تۇرۇۋاتقان بولسا؛
2.شۇ ئۇرۇندا كةسپى كىسةل بولغان ياكى ئىشتا يارىلانغان ھەمدە ئةمگةك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا ياكى قىسمةن يوقاتقانلىقى ئېتراپ قىلىنغان بولسا؛
3.كىسةل بۇلۇپ ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ بةلگىلةنگةن داۋالىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
4.ئايال ئىشچى-خىزمةتچىلەر ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئىمىتىش مةزگىلىدة تۇرۇۋاتقان بولسا؛
5.مۇشۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 15يىل توشقان ھەمدە قانۇندا بةلگىلةنگةن پىنسىية يېشىغا 5 يىل قالمىغان بولسا؛
6. قانۇن، مةمۇرى-نىزاملاردا بةلگىلةنگةن باشقا ئةھۋاللار؛
43- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامىنى ئۆز ئالدىغان بىكار قىلماقچى بولسا سةۋةبىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنلار قانۇن، مةمۇرى نىزاملاردىكى بةلگىلىمة ياكى ئةمگةك توختام پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزىتىشىنى تةلةپ قىلىشقا ھۇقۇقلۇق. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكىرىنى مۇھاكىمة قىلىشى ھەمدە بىر تةرةپ قىلىش نةتىجىسىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا يازما ئۇقتۇرشى كېرەك.
44- ماددا: تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة ئةمگةك توختامى ئاخىرلىشىدۇ:
1.ئةمگةك توختامنىڭ مۇددىتى توشقان بولسا؛
2.ئةمگةكچى قانۇن بۇيىچة ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بةھرىمان بۇلۇشقا باشلىغان بولسا؛
3.ئةمگةكچى ئۈلۈپ كەتكەن بولسا ياكى خةلق سوت مةھكىمىسى ئۆلگەنلىكىنى ياكى يوقاپ كةتكةنلىكى جاكارلىغان بولسا؛
4.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ ۋةيران بولغانلىقى قانۇن بۇيىچة جاكارلانغان بولسا؛
5.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ تىجارةت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، تاقاشقا بۇيرۇلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا ياكى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىلىپ كىتىشنى قارار قىلغان بولسا؛
6. قانۇن، مةمۇرى- نىزاملاردا بةلگىلةنگةن باشقا ئةھۋاللار ؛
45- ماددا: ئةمگةك توختامنىڭ مۇددىتى توشۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة، ئةمگةك توختامى شۇ ئەھۋال تۈگىگەندە ئاخىرلىشىدۇ. لىكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىنىڭ (2)-تارماقچىسىدا بةلگىلةنگةن ئةمگةك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمةن يوقاتقان ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشى دۆلةتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بةلگىلىمىسى بۇيىچة بۇلىدۇ.
46- ماددا: تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىگة ئىقتىسادى تولۇقلىما بېرىشى كېرەك:
1.ئةمگةكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
2.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 36-ماددسىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةكچىگة ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا ھةمدە ئەمگەكچى بىلەن بىر پىكىرگە كىلىپ ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلسا؛
3.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددسىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
4.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 41-ماددسنىڭ (1) تارمىقىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
5.ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن شةرىتلةرنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆستۈرۈش يولى بىلەن ئةمگةك توختامىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغاندا ئەمگەكچى داۋاملاشتۇرۇشقا قۇشۇلمىغانلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بةلگىلىمة بويىچة تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا؛
6.مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ (4)،(5)- تارماقچىسىدىكى بةلگىلىمة بۇيىچة ئةمگةك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا؛
7. قانۇن، مةمۇرى-نىزاملاردا بةلگىلةنگةن باشقا ئةھۋاللار؛
47- ماددا: ئىقتىسادى تولۇقلىما ئةمگةكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگةن ۋاقتىغا قاراپ، يىلىغا بىر ئايلىق مائاش بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە ئەمگەكچىگە بىرىلىدۇ. 6 ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا بىر يىل بۇيىچة ھىساپلىندۇ، 6 ئايغا توشمىغان بولسا، ئةمگةكچىلەرگة ئىقتىسادى تولۇقلىما ھىسابىغا يېرىم ئايلىق مائاش بىرىلدۇ.
ئةمگةكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاستة قاراشلىق شةھةر، رايۇن بار شةھةر دەرىجىلىك خةلىق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايۇندىكى ئىشچى خىزمةتچىلةرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرچة مائاشىنىڭ 3 ھةسسىدىن يۇقىرى بولسا، ئىقتىسادى تۇلۇقلىما بىرىش ئۆلچىمىگە بىنائەن ئەمگەكچىگە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرچة مائاشىنىڭ 3 ھةسسى بۇيىچة بۇلىدۇ. ئىقتىسادى تولۇقلىما بىرىلدىغان يىل چېكى ئةڭ يۇقىرى بولغاندا 12يىلدىن ئاشمايدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ئايلىق مائاش ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرچة مائاشىنى كۆرسىتىدۇ.
48- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بةلگىلىمىگة خىلاپلىق قىلىپ ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تةلةپ قىلسا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك. ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تةلةپ قىلمىغاندا ياكى ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلغىلى بولمىغاندا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 87-ماددىسىدىكى بةلگىلىمة بويىچة تۆلةم پۇلى بېرىشى كېرەك.
49- ماددا: دۆلةت تةدبىر قوللىنىپ ئةمگةكچىلةرنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكةممةللةشتۈردۇ.
50- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئةمگةك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتى بېرىشى ھەمدە، ئةمگةكچىنىڭ ئارخىپ ۋة ئىجتىمائى سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكةش رةسمىيتى15كۈن ئىچىدة ئۆتەپ بېرىشى كېرەك.
ئةمگةكچى ئىككى تةرةپنىڭ پۈتۈشكىنى بۇيىچة ئىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى ئالىقىدار بەلگىلىمە بۇيىچة ئةمگةكچىگة بىرىدىغان ئىقتىسادى تۇلۇقلىمىنى ئىشىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە بېرىشى كېرەك.
ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئاخىرلاشتۇرغان ياكى بىكار قىلىنغان ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنى ئةڭ ئاز دىگەندە 2 يىل ساقلىشى كېرەك.