خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان جىنايەتچى
2005 – يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئا X X ئەر – خوتۇن بىر نەچچە يېقىن دوستىنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرغان. مەست بولۇپ قالغان ئا X X بىر دوستى بىلەن كىچىككىنە بىر ئىش توغرىسىدا تەگىشىپ قالغان ھەمدە ھېچقايسىسى يول قويۇشمىغان.
كەيپلىكتە ئەقلىنى يوقاتقان ئا X X توساتتىنلا يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ قارشى تەرەپكە ئېتىلغان. ئا X X نىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئېتىلىپ كېلىپ ئېرىنى بېلىدىن مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن پەيلىدىن يېنىشىنى ئۆتۈنگەن. ئا X X خوتۇنىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە پەرۋا قىلماي پىچاقنى قالايمىقان شىلتىغاندا ئويلىمىغان يەردىن پىچاق خوتۇنىنىڭ بوينىغا كىرىپ كېتىپ، بۇلدۇقلاپ قان چىققان. ئا X X نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندا، يېنىدىكىلەر ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان.
بىراق ئا X X نىڭ خوتۇنى قان كۆپ ئېقىپ كېتىپ يولدىلا جان ئۈزگەن. ئا X X ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
بىڭتۇەن قۇمۇل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 2006 – يىلى 28 – دېكابىر سوت ئېچىپ، ئا X X نىڭ جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسى بەردى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.