پەخىرلىك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ناخشىچىمىز-دىلبەر يۇنۇس

گۈزەل ھىلىسىنكى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن « 1 - نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى » غا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۇنۇسقا خەلىقئارادىكى مەشھۇر ناخشا پروفېسسورلىرى ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ « دىلبەر ناخشىنى چىن يۈرەكتىن ئېيتىدۇ » دەپ باھا بەرگەن ئىدى .
دىلبەر 1958 - يىلى « يىپەك يولى » نىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ، ئۆز تارىخىدا « مەدەنىيەت بۈشۈگى » دەپ ئاتىلىپ نۇرغۇن ئەدىپ ، ناخشىچى ، ئۇسۇلچى ، سازەندىلەرنى يىتىشتۈرگەن قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلدى . 1975 - يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۈرۈپ يېزىغا چېنىقىشقا چۈشتى ،ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە ئارتىس ئالىدىغانلار قەشقەرگە باردى ، بۇ خەۋەر كىچە - كۈندۈز ئارتىس بۇلۇشنى ئويلايدىغان دىلبەرگە غايەت زور ئۈمۈت بېغىشلىدى . باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ تەبىئى تالانتىغا ھەيران قالدى ، ئىمتىھاندىن ئۆتتى ، ئەپسۇس ئاتىسىنىڭ « تارىخى مەسىلىسى بار » دىگەن قالپىقى بىلەن « سىياسى تەكشۈرۈش » تىن ئۆتەلمىدى ، بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولدى . ئەمدى ياناي دىگەن « ئۈمۈت شامى » ئۆچتى . بەل قويۋەتمىدى ، ئۆمەككە قايتا - قايتا ئىلتىماس سۇندى ، ئۆمەك پارتىيە ياچىېيكىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دىكى قالپاقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ قالپاقنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەسلىگىنى ئىنىقلاپ ، دىلبەرنى قۇبۇل قىلدى ، مانا ...... دىلبەر ئارتىس بولدى !!!!
دىلبەر ئۆمەككە كەلگەندىن كىيىن ئۇستازلارنىڭ كۈيۈنۈپ 3 يىل تەربىيلىشى نەتىجىسىدە 1978 - يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى . دوكىلات ئۇيىنىدا 9 خىل تىلدا ناخشا ئېيتتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا ئىتالىيىنىڭ مەشھۇر ناخشىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئوپىرا ناخشىلىرى بار ئىدى.
دىلبەر 1980 - يىلى 9 - ئايدا مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتىغا ئەۋەتىلدى ، بىر يىلدىن كىيىن ئوپىرا پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىردى ، پروفىسسور شىن شىياڭ ۋە ئوقۇتقۇچىسى لى جىن ۋى لەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە بەيگىگە چۈشكەن تولپاردەك ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرلىدى . 1982 - يىلى جۇڭگۇ ياشلار ۋەكىللەر ئۈمىگى بىلەن مىسىر ، سۈرىيە ، ئىئوردانىيە ، شىمالى يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى ، نەگە بارسا شۇيەرنىڭ يەرلىك ناخشىلىرىنى شۇ تىلدا ئۇرۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى.
1984 - يىلى دىلبەر ھاياتىدىكى ئەڭ زور خوشاللىق يىل بولدى ، 8 - ئايدا ئۇ « 1 - نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى » غا قاتناشتى ، ئۇ ۋاقىتتا گۈزەل ھىلىسىنكى شەھرىگە دۇنياغا مەشھۇر ناخشا - مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرى ، ئاتاقلىق كومپىزىتورلار ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ناخشا چۈلپانلىرى توپلانغان ئىدى ، ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە ، ئۇيغۇرچە ، ئىنگىلىزچە ، ئىتالىيانچە ناخشىلارنى بىمالال ئۇرۇنلاپ تاماشىبىنلارنى مەھلىيا قىلىۋالدى ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، فىرانسۇز ، نىمىس تىللىرىدا بىر قانچە ناخشا ئېيتتى ، نەچچە مىڭ كىشىلىك زالدا شۇنچە كۆپ مۇزىكىغا مىكرافۇنسىز ئېيتقان ناخشىلىرى زالنىڭ ئىچىگە تەكشى تاراپ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى ، دىلبەر مۇسابىقىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى ، مۇكاپات بۇيۇمى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇتۇن زال گۇلدۇراس ئالقىشلار بىلەن « جۇڭگۇ بۇلبۇلى بارىكاللا » !!! « دىلبەر . كامال تاپ » !!!!دەپ توۋلىشىپ كەتتى .
شۇيىلى 10 - ئايدا دىلبەر « فىنلاندىيە فازىل ئۇيۇن قويۇش شىركىتى » بىلەن ھىلىسىنكىغا يەنە بىرقېتىم باردى ، ئۇيەرگە بېرىشىغا « دوپپا كەيگەن جۇڭگۇ بۇلبۇلى » كەلدى دىگەن خەۋەر پۇر كەتتى ، فىنلاندىيە ئوپىرا ئۈمىگىنىڭ باشلىقى ئاتاقلىق كومپىزىتور يىلكا كوشىسىدۇ ئۇنى « زامانىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان ناخشىچى » دەپ مەدھىيلىدى .
1984 - يىلى جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئىككى چوڭ ئىش بولدى ، بىرى تەنھەركەتچىىرىمىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى ، بىرى ناخشىچىمىز دىلبەر يۇنۇس خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى دا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى . ھازىرغىچە يەنە نەچچە قېتىم دۇنياۋى شۆھرەتكە مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن ھەممىسىنى يېزىپ بۇلالمىدىم ، ھازىر ئۇ فىنلاندىيە ئوپىرا ئۈمىگىنىڭ ناخشىچىسى ، 2003 - يىلى سەنئەت مەكتەپتە بىلىم ئاشۇرۋاتقان ۋاقتىمدا ، مەكتەپ ئۇنى لىكسىيە سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى ، لىكسىيىگە مەنمۇ قاتناشقان ئىدىم ، ئۇ مىكرافۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ ئازراق سۆزلەپلا ، قۇرۇق گەپنىڭ ئەھمىيىتى يوق ، مەن ئەڭ ياخشىسى مۇشۇيەردە ئەمىلى دەرس ئۆتۈپ بىرەي دەپ ، سەھنىدىكى ئۈزى ئۈچۈن جابدۇب قويغان ئۈستەللەرنى ھەممىسىنى يېغىشتۇرۋېتىپ ، مەكتەپتىكى ناخشا كەسپىدىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئەمىلى دەرس سۆزلىدى ، ئەمىلى دەرس ئالغان شۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋە پەستە ئولتۇرغان ناخشا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى شۇ بولدىكى : بىز نەچچە يىلدا ئاڭقىرالمىغان ، ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى مۇشۇ 2 سائەتتە ھەل قىلدۇق دىدى ، مەن ئۇنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلاپ ، كامالەتكە يەتكەن ئاۋازى ، پىشقان تىل سەۋىسى ، ئەڭ ئىلمى ، ئەڭ كۈيۈمچان ئوقۇتقۇچىلارغا خاس پەزىلىتىدىن شۇنداق سۈيۈنۈپ كەتتىم ، ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىم نەچچە ھەسسە ئاشتى!!!
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﮔﯘﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ،ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ، ﺷﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﯨﻴﻪ، ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻧﻮﺭﯞﯨﮕﯩﻴﻪ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ، ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ، ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ 150 ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯗﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺑﯧﻴﯩﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ 1993- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1996- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﻮﻧﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻐﺎ ﺗﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1997- ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1998- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﯩﺖ ﻧﯧﻠﺴﯘﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ- ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍ ﺋﺎﺭﺗﺴﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﻓﯩﻨﻼﻧﯩﺪﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﺴﺴﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﯘﺭﻟﯘﻙ ﻧﺎﺧﺸﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ <<ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯚﮬﯩﺮﻯ>> ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ئاستىدىكىسى ئاتاقلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئۇيغۇر ناخشا پىشىۋاسى دىلبەر يۇنۇس خانىمنىڭ شەخسىي تور بىكىتى . ئېنگىلىز تىلىدا تۇزۇلگەن . ھازىر دىلبەر يۇنۇس خانىم شىۋىتسىيەدە تەكلىپ بىلەن خىزمەتتە . بۇ تور بىكەتتە دىلبەر يۇنۇس خانىمنىڭ قىسقىچە ئارخىپى ۋە ھازىرغىچە رول ئالغان دراممىلىرى رەسىملىك ھالدا ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
تور بىكەت ئادرىسى :
http://www.dilber.se