ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   ئېنىقسىز   كىنو   MTV   رەسىم   ناخشا   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
ئيرىلىش
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
·رەنانىڭ تويى
·مەمەت ھەققىدە پاراڭ
·تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
·ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
·‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
·بىزنىڭ ناخشىمىز 
·بەربات بولغان مۇھەببەت
·ئايرىلىش مىنۇتلىرى
·كەچۈر گۈلۈم
·بىرئەر ئۈچ خوتۇن 
  >> تەۋىسىيە ماقالە
ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦﻻﺭﻧﻰ ۋاقتىدا ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﯞﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟
خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل 
ئاز ئۇخلاپ ، ئاز دەم ئالغاندا ئو
مېۋىنى خاتا يەپ قويسىڭىز سەمىرى
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور بىكىتى => تـاللانغان ئەسـەرلـەر => تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى => مەزمۇن كۆرۈش
ۋىتامىن K ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئاپتۇر : ياخشى 123 تورى    مەنبە : ياخشى 123 تورى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى04- ئاينىڭ20- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىك

كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن K ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ، ئۇنى بىرەر ئالىم ھەقىقىي تۈردە تەتقىق قىلىپ باققانمۇ ئەمەس . ئۇنى كىشىلەر قان ئۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغىلا ئىگە ، دەپ قارايدۇ .

            لېكىن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ۋىتامىن K ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى . ۋىتامىن K قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار بىلەن ئۇسۇڭ تۈرىدىكى كۆكتاتلاردا كۆپ بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ ، ترومبوگېن ( قان ئۇيۇتقۇچى ماددا ) نى نورمال ھالەتتە ساقلايدۇ . ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا بولمىسا يارا ئېغىزىدىكى قان توختىمايدۇ .


            كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن K ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا دېگەندەك ئىلگىرىلەش بولمىدى ، پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا كەلگەندە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتمۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى . تەتقىقات نەتىجىسى بۇ خىل ۋىتامىندا ئىلگىرى بايقالمىغان بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى . بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسى گلۇتامىك كىسلاتاسى ئارقىلىق جىگەردە بىرىكىدۇ .ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، ۋىتامىن K سۆڭەك ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردىكى ماددا ئالمىشىش ھەمدە بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . دېمەك ۋىتامىن K ئورگانىزملارنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشى ھەمدە كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D نىڭ ئۆزئارا رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .


            باشقا ئەزالاردا مەسىلەن ،ئۆپكە بىلەن يۈرەكتىمۇ بىر خىل ئاقسىللىق بىرىكمىنىڭ بارلىقى بايقالدى ، بۇ خىل بىرىكمە ۋىتامىن K نىڭ قاتنىشىشى ئاستىدىلا ئاندىن بىرىكەلەيدۇ . ۋىتامىن K مۇ ۋىتامىن A,D,E ارغا ئوخشاش ياغدا ئېرىيدۇ . شۇڭا ياغنىڭ نورمال ئالمىشىشى ۋىتامىن K نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىدا مۇھىم رول ئاينايدۇ .


            تەبىئىي شارائىت ئاستىدا ئادەم تېنىنىڭ ۋىتامىن K نى سۈمۈرۈشى ئازىراق بولىدۇ . قان ۋە توقۇلمىۆردا ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى ۋىتامىن K نىڭ مىقدارىدىن نەچچە ئون ھەسسە ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى نەچچە مىڭ ھەسسە ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى ئون مىڭ ھەسسە كۆپ بولىدۇ . ئادەتتە بىر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن بىر مىكروگرام ۋىتامىن K بولسا كۇپايە ، بۇ خىل ئاكتىپ ماددا بارلىق ھۈجەيرە توقۇلمىلارغا تارقالغاندىن كېيىن ئەزالاردىكى كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنى ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرىدۇ . شۇڭا ناشتا قىلمىساقملا جىسمانىي ۋە روھىي كۈچكە ئىگە بولالايمىز .

 

           ۋىتامىن K يېتىشمەسلىكنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى :

            ئۈچەينىڭ خىزمىتى نورمال بولمايدۇ ، جاراھەت ئېغىزىدىن قان توختىمايدۇ . ئاسان چارچايدۇ ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ ، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى ، نۇرغۇن دورا - ئاغرىق توختىتىش دورىسى ، ئانتىبىىوتىك دورىلار ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ياكى يېمەكلىكلەردىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋىتامىن K نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ياكى بەدەندىن چىقىرىۋېتىدۇ .

 

            ۋىتامىن K ئاساسلىقى يېمەكلىك ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ . لېكىن ئۈچەيدىكى باكتېرىيىلەرمۇ ئۆز ئالدىغا ۋىتامىن K نى ھاسىل قىلالايدۇ ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار بىلەن ئۇسۇڭ تۈرىدىكى كۆكتاتلاردا ۋىتامىن K ئەڭ كۆپ لېكىن ئەڭ ياخشى مەنبەسى يەنىلا سۈت ، قېتىق ، تۇخۇم سېرىقى ۋە بېلىق مېيى ،ئۈچەينىڭ ۋىتامىن K نى سۈمۈرۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ . ئۇ يېمەكلىكلەردىكى ياغ بىلەن ئادەم تېنىدىكى خولىك كىسۆتاسىنىڭ ئاز كۆپلىكى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ .


           ئادەتتە ۋىتامىن K نىڭ سۈمۈرۈلۈش دەرىجىسى %80 ~ 10 ئەتراپىدا بولىدۇ . كولباسا ۋە پىششىق ياغ يېيىش ئارقىلىق ياغنى تولۇقلاش ئىلىمىي ئۇسۇل ئەمەس ، بۇنىڭدا پەقەت ياغنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئاھسىتىدا ئۈچەيدىكى مىلرو ئورگانىزملار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ، ئىشلەپچىقارغارن ۋىتامىن Kنىڭ سۈپىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ .


           ھەيز مىقدارى كۆپ بولسا ، ئاشقازان - ئۈچەي قانىسا ۋىتامىن K يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ . ۋىتامىن K نىڭ قانغا كىرىش يوللىرى باشقا ۋىتامىنلار بىلەن ئوخشاش . ئۇ جىگەردە بىرىكىدۇ ، ئەمما ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى باشقا ۋىتامىنلاردىن تېز . ئادەم بەدىنى بىر كۈندە 100 ~ 5 مىكروگرام ۋىتامىن K غا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈندىلىك يېمەكلىكتىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ .

 

           جىگەرگە كىرگەن ۋىتامىن K نىڭ يېرىمىنى كۈندىلىك يېمەكلىكتىن ، يېرىمىنى ئۈچەيدىكى باكتېرىيىلەردىن پايدىلىنىپ تولۇقلىغىلى بولىدۇ . كۆكتات ، ئىرىمچىك ، توخۇم ياكى سۈت مەھسۇلاتلىرى تەركبىدە ، بولۇپمۇ قېتىق تەركىبىدە ۋىتامىن K نىڭ مىقدارى كۆپ . شۇڭا قېتىقنى كۆپ ئىچىش كېرەك . گۆش تەركىبىدە ۋىتامىن K مىقدارى ناھايىتى ئاز ، 1 كىلوگرام گۆش تەركىبىدە ئاران 10 مىكروگرام ۋىتامىن K بولىدۇ . ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدىكى ۋىتامىن K نىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئاپتاپپەرەس يېشى تەركىبىدىكى ۋىتامىن K نىڭ مىقدارى دادۇر يېغى ۋە زەيتۇن يېىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ . كۆكتاتلاردىن كەرەپشە بىلەن كاپۇستا تەركىبىدە ۋىتامىن K كۆپ بولىدۇ .

خەتكۈچ : ئېنىقسىز
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى