ئايىقىم قېنى؟
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلار ئىدى.بىر كۈنى دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا باردۇق.ئاخشىمى ئىچىدىغانلار ئىچتى ،ھەممەيلەن قانغۇچە تاماشا قىلىپ شۇ يەردە قونۇپ قالدۇق.ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ،كېتەي دەپ ئايىقىمنى ئىزدەپ بۇ ئۆيدىن زادىلا تاپالمىدىم.ئاندىن:
__ ئايىقىم قېنى،مەن كېتەي دىگەن،كىم چاقچاق قىلدى،ئايىغىمنى نەگە تىقىپ قويدۇڭلار؟-دەپ سورىدىم.ئۇخلاۋاتقانلاردىن بىرى ئويغىنىپ:
__ ئەتتىگەندە ئادەمنى ئۇخلاتماي نىمە تولا پاراڭ بۇ؟-دىگەنتى مەن:
__ ئايىقىم يوق تۇرىدۇ،كۆردۈڭمۇ-يە؟-دەپ سورىدىم.ئۇ:
__ شۇ گەپمىدى مېنىڭ ئايىقىمنى كىيىپلا كەتكىنە بولدى،-دېدى.مەن:
__ ياق ،ئۆزەمنىڭ ئايىقىنى كىيىپ كىتىمەن،-دېدىم.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كىتىپ بىر چاغدا ئايىقىمنى كۆتىرىپ كىرىپ:«مانا ئايىقىڭ،كىيىپ كەت»دېدى.قارىسام ئايىقىمنىڭ ئىچى قۇسۇق بىلەن لىققىدە توشۇپ كەتكەن ئىدى.ئەرۋايىم ئۇچۇپ،جۇدۇنۇم ئۆرلەپ:«ھەي،ئاداش،ئۆزەڭنىڭكىگە قۇسساڭ بولمامدۇ ؟»دىيىشىمگە ئۇ نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر:
__ سەن ھازىرمۇ مەسمۇ نىمە؟مەسچىلىكتە ئاياق تاللاپ يۈرەمدىم،-دەيدۇ.ئاخىرىدا بولماي فىرقەتنىڭ ئايىقىنى كىيىپ كىتىپ قالدىم.
كارۋات ئاستىدىكى بىر كېچە
ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.بىر كۈنى جۇمە كۈنى دەرستىن چۈشۈپ،باشقا مەكتەپكە بىر قىز ساۋاغدىشىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنى ئىزدەپ چىقتىم.مەن چىققاندا ئۇ ياتىقىغا ئۇششاق-چۈششەك بىر نەرسىلەرنى ئالغىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن(مېنىڭ بۇنداق تېز كىلىپ بولدىغىنىمنى نەدىن بىلسۇن).مەن بارغاندا سەل كەچ بولۇپ قالغان ئىدى.ياتىقىغا كىرسەم پەقەت ئىككى قىز ساۋاغدىشى بار ئىكەن.مېنى تەكلىپ قىلغان ساۋاغدىشىمنى سىرتقا چىقىپ كەتتى دېدى ھەم مېنىڭ بىردەم ساقلىشىمنى ئېيتتى.مەن ماقۇل دەپ ساقلاۋاتاتتىم.ئازاپلىق كېچە شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
توساتتىن كارىدۇردا تاراقلىغان ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى.ياتاقتىكى بۇ ئىككى قىز جىددىلىشىپ كەتتى.مەن نىمە بولغىننى بىلمەي تۇرغىنىمدا بىر قىز ئەدىيالدىن بىرنى ئېلىپ تېزلىك بىلەن بىر كارۋاتنىڭ ئاستىغا سالدى-دە:«تېز بولۇڭ،كىرىپ يېتىۋېلىڭ بىردەم»دېدى.«نىمە ئىش بولدى چاقچاق قىلماڭ »دىسەم،ئۇ:«مەكتەپتىن ياتاق تەكشۈرۈپ كەپتۇ،تېز بولۇڭ»دېدى.ئامالسىزلىقتىن كارۋاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتىم.دىگەندەك ياتاق تەكشۈردىغانلار كىردى ھەمدە:« قالدىلار قېنى؟تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتتىما ھەممىسى؟ھېلى ياتاقنى پىششىق تاقاپ يېتىڭلار»دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە« ئەمدى چىقىپ كەتسەم بولار»دەپ ئويلىنىپ تۇرىشىمغا قالدى قىزلار گۈلدۈرلىشىپ يۈگىرىشىپ كىرىشتى-دە:«ياتاق تەكشۈرۈپ بولدىمۇ؟»دىگەنچە مەن ياتقان كارۋاتنىڭ ئۈستىگە كىلىشىپ دىيشىۋالغاندەكلا ئۈستىگە تاشلاندى.ئىچىمدە«خۇدا ،قىزۋالىنى ئىزدەپ كەلگەنگە تويدۇمغۇ ئەمدى»دېدىم.ھېلىقى ئىككى قىزمۇ مېنى ئويلاپ قالدىمۇ بىلمىدىم،قىزلارغا:«ھەممىڭلار بىر كارۋاتقا چىقىۋالماڭلار،كارۋات بۇزلۇپ كەتمىسۇن يەنە»دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇ قىزلارنى تارقاقلاشتۇردى.مەن چىقاي دىسەم خىجىل بولدۇم.چىقماي دىسەم بۇ ئىش قاملاشمىدى.ئۇلار تاراقسشىپ ئۇ ياندىن بۇيانغا مېڭىپ يۈرەتتى.مېنى تەكلىپ قىلغان ساۋاغدىشىمنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىدىم.مېنى كەلدىمۇ دىگەنتى ھېلىقى ئىككى قىز :«ياق كەلمىدى»دەپ جاۋاپ بەردى.مەن كارۋاتنىڭ ئاستىدا يېتىپ:«مانا مەن كەلدىم»دەپ توۋلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۇلار ئۇخلاشتى.مەنمۇ ئۇيقۇم كەلمىسىمۇ ئامالسىز يېتىپ قالدىم.يېرىم كېچىدە ئۈستۈمدە ياتقان قىز(ئۇ ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ بىرى ئىدى)نىڭ ئىچى ئاغىردىمۇ ماڭا ئاستا بىر تال ياستۇق سۇنۇپ بەردى . توڭلاپ بولالماي ئەتتىگەن سەھەردە قىزلار ئويغانغىچە ئاستا چىقىپ كېتەي بۇ نەس باسقان يەردىن ،دەپ ئويلاپ كارۋات ئاستىدىن چىقىپ تۇرىشىمغا بىر قىز ئويغىنىپ كىتىپ مېنى كۆرۈپ:«توۋا خۇدايىم،ئەتتىگەندە نەدىن كىردىڭىز ئەمدى؟»دەپ سورىماسمۇ مەن چۆچۈپ كىتىپ:«ھە بايا جىددى ئىش بىلەن كىرگەن»دىۋىدىم ئۇ :«ئىشەنمەيمەن»دېدى.بۇ پاراڭدىن ھەممىسى ئويغىنىپ كەتتى ھەم ھەيران بولۇشۇپ «بۇ قانداق گەپ؟»دەپ سۆزلەشتى.ئاندىن ھېلىقى ئىككى قىز تەڭلىك بولۇپ:«ئاخشاممۇ بار ئىدى»دېۋىدى،قالدى قىزلار ئىشەنمەي:«ئاخشام بىز ياتقاندا يوقتىغۇ»دېدى.ئاندىن مەن :«سىلەر قول باغلىشىڭلار،مەن ئاخشام كەلدىممۇ ياكى ئەتتىگەندىمۇ؟كىم ئۇتىۋالسا مېنى توخۇ قۇرىمىسى بىلەن مىھمان قىلغاي»دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
___________________________
تورخانىدا ئادەم توشۇپ كەتكەندە
تۈرمىدىن يېڭى چىققان چاغلىرىم ئىدى .بىر كۈنى زىرىكىپ تورخانىغا كىردىم. مەھەللىمىزدە 20 گە يېقىن كومپيۇتېر سەپلەنگەن بىرلا تورخانا بار ئىدى،قىش كۈنلىرى بۇ تورخانىدا پار بولمىغاچ مەشكە ئوت قالايتتى .كىرسەم ئادەم توشۇپ كىتىپتۇ. زادىلا ئورۇن يوق. كىيىن بىر خەنزۇ بالا ۋاقتى توشۇپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئولتۇرۋالدىم. ئەمما ئالدىمدا ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا ئۇلار بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم. كاساپەتلەر بەش - ئالتىسى بىر ئىكەن،قارىسام كۇچۇم يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئازراق ئىش چىقىرىپ قويسام« ئۆزگەرمىگەن جىنايەتچى» سۈپتىدە يەنە سولىۋەتمىسۇن دەپ ئويلاپ گەپ قىلماي تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم. ئەمما ئىدىيەمدىن بۇ گۇيلارنىڭ قىلغان ئىشى زادىلا ئۆتمىدى.
ئۇن خالتىسىدىن ئىككىنى تېپىپ كېلىپ ئىچىگە ئەسكى تۈسكىنى تازا قاچلىدىم-دە تورخانا كەينىدىن ئۆگزىگە يامىشىپ چىقىپ، ئىككى مورىنىڭ ئىچىگە ئىككى خالتىنى ياغاچ بىلەن پاتتۇرۇپ تىقۋېتىپ چۈشۈپ كەتتىم ھەم تورخانا ئۇدۇلىدىكى دۇكانغا كىرىپ دېرېزىدىن تاماشا كۆرۈپ تۇرۇدۇم. ئالاھەزەل 15 - 20 مىنوتتىن كىيىن تورخاندىكىلەر سىرىتقا قېچىشقا باشلىدى .ئەسلى تورخانىنىڭ ئىچى ئىسقا توشۇپ كەتكەن گەپ ھا...ھا...ھا...
مەنبە : شەبنەم مۇنبىرى